باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2 – تۈركۈمدە كەنتكە چۈشىدىغان كادىرلار ھەر پەسىلدە 10 كۈن دەم ئالالايدۇ

2015.01.19 12:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››پائالىيىتىدىكى 2-تۈركۈمدە كەنتكە چۈشىدىغان كادىرلار پات يېقىندا نىشانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. 15-يانۋار مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2–تۈركۈمدە كەنتكە چۈشىدىغان كادىرلارنىڭ تەن سالامەتلىك تەكشۈرۈلىدىكەن، ئۇلار ھەر پەسىلدە 10 كۈن دەم ئالالايدىكەن.

  شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەلئەت تۇردى فېۋرالدا قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيە ئاچچىق يېزا 10-كەنتىدە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى باشلايدىكەن، بۇ مەكتەپتە جەمئىي ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ 19 كىشى بىرلىكتە كەنتكە چۈشىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ قاراردىن ھەممىمىز خۇش بولدۇق، بىز خاتىرجەم ھالدا كەنتكە چۈشۈپ خىزمەت قىلساق بولىدىغان بولدى›› دېدى.

  تەلئەت تۇردىنىڭ ئېيتىشىچە، گۇرۇپپا ئەزالىرى كەنتكە چۈشۈش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولغان، بەزى گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۇيغۇر تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە باشلىغان، بەزى گۇرۇپپا ئەزالىرى يەرلىكنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە باشلىغان. ئىنستىتۇتمۇ بىر يىلدىن بۇيان تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ياخشى ئىشلىگەن، يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ، قوش تىلدا تەربىيەلىگەن. بولۇپمۇ سەنئەت قابىلىيىتى بار ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق ھالدا تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا سەنئەت بىلىملىرىنى ئىگىلەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر