باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئەلكۈيى» تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 11 يىللىقى قۇتلۇقلاندى

2015.01.19 09:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى: «يېڭى ئەسىرنىڭ كىرىشى ئۇيغۇر تور تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان دەۋرىنى باشلىدى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشى بىلەن كىشىلەر ئەنئەنىۋى تاراتقۇلاردىن ئۇچۇر ئىگىلەش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، يېڭى زامانىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىدىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىشقىمۇ باشلىدى. ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تور تاراتقۇسى ئۈستەل يۈزىدىن ھازىر ئالقىنىمىزغا چىقىپ، تېخىمۇ ئەپچىل، تېخىمۇ تېز بولدى، 11 يىللىق قەدەمنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىدىكى باشلامچى تورلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان «ئەلكۈيى» تورىنىڭ بۈگۈن IOS ۋە ئاندروئىد سېستىمىسىدا ياسالغان يانفون ئۇنىۋېرسال ئەپ دېتالىنى ئۇيغۇر تور ئابونىچىلىرىغا سۇنۇشى بۇ تور شېركىتىنىڭ يېڭى نىشانلار ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، دوكتۇر، پروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم 18 – يانۋار شىنجاڭ خەلقئارا بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەلكۈيى» تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 11 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىدە.

  18 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم ئالىم، يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكارلار، تور ساھەسىدىكى نوپۇزلۇقلار بىريەرگە جەم بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تورى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نامايەندىلەرنىڭ بىرى بولغان «ئەلكۈيى» تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 11 يىللىقى قۇتلۇقلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ – تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئىگىلىشىمچە 2004– يىلى قۇرۇلغان، 2010 – يىلى «ئەلكۈيى» تور تېخنىكا چەكلىك شېركىتى بولۇپ قۇرۇلغان «ئەلكۈيى» تورى 11 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى، «تەڭرىتاغ» كىنو ستودېيىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن «شىنجاڭغا مۇھەببەت»، «بۇ ئائىلىگە قاراڭ»، «پۇل دىگەن نەرسە» قاتارلىق فىلىملەرنىڭ ئىشلىنىشىگە، تەشۋىقاتىغا قاتناشقان، كۈندىلىك كۆرۈلۈشى 800 مىڭ (قېتىم) دىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر