باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر

2015.01.16 12:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە(1)

  لى شىڭ

  2014 – يىلى باش باھاردا، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى باشلىدى. 5 – مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن تۇنجى تۈركۈمدە 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىر زىممىسىگە زور تارىخىي بۇرچنى ئېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا يۈرۈپ كەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2013 – يىلى ‹‹19 – دېكابىر›› يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹28 – يانۋار››دىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2014 – يىلى 2 – ئايدا كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي پىرىنسىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇرۇنقى ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ داۋامى بولۇپلا قالماي، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتتە ياراتقان يېڭىلىقى ئىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئاساسنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم تەدبىر.

  يۇقىرى نۇقتىدىن لايىھەلەندى، مەركەز يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى

  مەركەز شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە قارىتا توغرا ھۆكۈم چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قۇتراۋاتقان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلىشىۋاتقان ۋە قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز بولۇۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى ئالاھىدە، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال سىياسەتنى يولغا قويۇش كېرەك. مەركەز ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەتتە تۇرۇپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى بېكىتتى، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۈستىگە قويدى.

  ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئەڭ تەس ۋە يىراق كەلگۈسىدىكى مەسىلە يەنىلا مىللىي مەسىلە››، ‹‹شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقى خىزمىتى››، ‹‹كادىرلار مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل››. باش شۇجى شى جىنپىڭ كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونمۇ كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېڭى، قاتتىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى: مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئامما بىلەن ئارىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئاممىغا تەربىيە بېرىش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئامما بىلەن قان – گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش.

  مەركەز شىنجاڭنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. شى جىنپىڭ بۇلتۇر 27 – ئاپرىلدىن 30 – ئاپرىلغىچە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ساقچى قاراۋۇلخانىسى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن›› خىزمەت ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى يولداشلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. مەركەز بۇلتۇر 28 – مايدىن 29 – مايغىچە 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندىن كېيىن ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا پىكىر›› نى ئېلان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى ئاچقۇچ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ‹‹تۆت ناچار ئىستىل›› تەرەپتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پۇختا ئىدىيە ئاساسى، نەزەرىيە ئاساسى ۋە تۈزۈم ئاساسى تىكلەپ بەردى.

  يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلىدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى باشلامچى بولدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشتا ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشى ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش؛ ئامما ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش، كونترول قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچەيتىش؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش.

  جاڭ چۈنشيەن بۇلتۇر 23 – مارتتىن 25 – مارتقىچە، يەنى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى يېڭى باشلانغان مەزگىلدە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسى چەڭھويلا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ۋە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، 2 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىغا ئىلھام بەردى.

  جاڭ چۈنشيەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېتەرلىك ۋاقىتتا ئەلرايىنى ئىگىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەت ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان تۆت يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى زىيارەت قىلىپ ئېنىقلاپ، ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، تېگى – تەكتىنى زىيارەت قىلىپ ئېنىقلاش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلنى زىيارەت قىلىش + سەمىمىي ھېسسىيات + ياخشى ئىستىل + ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى؛ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چامىنىڭ يېتىشىچە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسىنى ئۆز ئارا يەتكۈزۈپ، ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››غىچە مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەينەك قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەلرايىنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، بايلىق تەقسىملەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم ياخشى ئىشلارنى جايىدا بېجىرىش كېرەك؛ ئاممىغا تايىنىش، ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش داۋامىدا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن تۈزۈم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كەنت (مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ساقچى قاراۋۇلخانىسى، خىزمەت گۇرۇپپىسى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەھلىل قىلىدىغان ‹‹ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن›› مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جاڭ چۈنشيەن يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشنى ياخشى قىلىشنى كەنتتە تۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئورنىغا قويماسلىق ھەم شۇنداقلا ئۇنى ئىستىلنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى خىل خاھىشنى يېڭىش، يەنى نەتىجىسىنى كۆرۈشكە ئالدىراشتىن ساقلىنىش ھەم ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقماسلىق خاھىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىلىرىغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبەرلەر گۇرۇپپا باشلىقى بولغان 11 گۇرۇپپىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئۇلار رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەش، پائالىيەتنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، بازىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائالىيەتنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا يېتەكچىلىك رول ئوينىدى.

  پائالىيەت ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدا دەرھال قانات يايدۇرۇلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدە ‹‹ئۈچنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››، يەنى، ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئومۇميۈزلۈك كىرىپ تۇرۇش، ھېچقانداق بوش ئورۇن قالدۇرماسلىق؛ كادىرلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش بارلىق ئورگان كادىرلىرىنى چېنىقتۇرۇش، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى ئورگان، تارماقلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىدىن باشقا، ھەر بىر كادىر كەنتتە بىر يىل تۇرۇش، ھەر يىلى كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلار ئۆز تارمىقىدىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كەم بولماسلىق، ئۈچ يىلدا شىنجاڭ بويىچە 200 مىڭ ئورگان كادىرى نۆۋەت بىلەن بىر قېتىمدىن ئالمىشىپ، ئاساسىي قاتلامدا بىر يىل تۇرۇش؛ ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى كەسكىن، تەلتۆكۈس ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن كەم – كوتىسىز ئۇدۇللاشنى بىۋاسىتە ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2014 – يىلى 3 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 8000دىن كۆپرەك كەنت، 2000چە مەھەللىگە 10 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەت گۇرۇپپىسى، 70 مىڭدىن كۆپرەك كادىر ئەۋەتىپ، شىنجاڭدىكى بارلىق كەنت، نۇقتىلىق مەھەللىنى قاپلىدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، ئورمان باش ئەترىتى، ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتىمۇ بۇ پائالىيەتكە تۈرلۈك شەكىلدە قاتناشتى.

  ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە(شەھەر، رايون) ۋە تارماق، ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سەپەرۋەرلىك يىغىنىنى تېز ئېچىپ، قاتلاممۇ قاتلام رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە پائالىيەت ئىشخانىسى قۇرۇپ، قاتلاممۇ قاتلام نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا – بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)دىن ئىبارەت تۆت دەرىجە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار ئالاقە نۇقتىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئوبيېكتى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئاساسلىق رەھبەر بىرىنچى سەپكە يېقىن نۇقتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ھەمدە ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۈچ يىللىق خىزمەت پىلانى ۋە شۇ يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پائالىيەتنى تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ تارقىتىپ، ساختا تۈزۈم، ئايلىق مەلۇم قىلىش تۈزۈمى، ئىجابىي، سەلبىي تىپلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمى، ‹‹ئونغا يول قويماسلىق›› ئىنتىزام تەلىپى قاتارلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەر ئىككى ئايلىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ بېرىپ، پائالىيەتنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر