باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل كورلا شەھىرىدە 33 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ يېڭىدىن سېلىنىدۇ

2015.01.16 10:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى: مائارىپتا كۈچلۈك شەھەر بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كورلا شەھىرى 2015-يىلى 33 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى سېلىشنى پىلانلىدى. ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى كورلا شەھىرى 426 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسىنىڭ 100 مىڭ كۋادراتمېتىر مەكتەپ بىناسى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يېڭىدىن 423 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى كۆپەيتىپ، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كورلا شەھىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە مائارىپتا كۈچلۈك شەھەر بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى. «قوش تىل» مائارىپى بايلىقىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «قوش تىل» مائارىپىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردى. «5، 10، 100، 1000 ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشى» نى زور كۈچ بىلەن يول قويۇپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل كورلا شەھىرى مەكتەپلەرنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە مائارىپتا كۈچلۈك شەھەر بەرپا قىلىدۇ. كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ باشلىقى خۇ جۈن مۇنداق دېدى: كورلا شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشى، مائارىپ سېستىمىسىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇل قۇرۇلۇشى جەھەتتە، بىز 33 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى قۇرۇپ، 450 مىڭ كۋادراتمېتىر مەكتەپ بىناسىنى يېڭىدىن سېلىشنى پىلانلاۋاتىمىز. بۇ يىل مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەيلى مائارىپ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارتىش بولسۇن، ياكە مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئالماشتۇرۇش بولسۇن ھەممىسىنى بېكىتىلگەن نىشان بويىچە ئىلگىرى سۈرىمىز. 2015-يىلى كورلا شەھىرى مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، مەكتەپنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزارا بىرلەشتۈرىدۇ. مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چوڭ ئوقۇش رايونى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. شەھەر-بازار مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ۋە كادىرلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار «مەكتەپنىڭ ئادىمى» بولۇشتىن تەدرىجى «سىستېمىنىڭ ئادىمى» بولۇشقا ئۆزگەرتىلىدۇ. «قوش تىل» ئوقۇتۇشىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە سۈپىتىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ «قوش تىل» مائارىپى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى زور كۈچتە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، پۇقراۋى مائارىپنى يۆلەپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، چوڭلار مائارىپى، كەسپىي مائارىپ ۋە مەھەللە مائارىپى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشقا كۈچلۈك ئاساس سېلىنىدۇ.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر