باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئات ئۈستىدىكى 110» مۇلازىمەت ئەترىتى چېگرا رايوندىكى چارۋىچىلارغا رىشتە باغلىدى

2015.01.16 10:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خەۋىرى: 10-يانۋار مەملىكەتلىك 29-قېتىملىق”110“ تەشۋىقات كۈنى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ساۋاپچى فېرمىسىدىكى” ئات ئۈستىدىكى 110“ مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە گىرادۇسلۇق سوغۇققا قارىماي چېگرا تەۋەلىكىگە بېرىپ چارۋىچىلارغا جىددى ئەھۋال كۇرۇلسە 110 غا مەلۇم قىلىش مەخسۇس تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلار چەت، يىراق چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار تەرىپىدىن”سىردىشىمىز“،” قوغداش ئىلاھىمىز“ دەپ تەرىپلىنىپ كەلدى.

  ئاقچىغ چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىنىڭ لىيەن دەرىجىلىك كادىرى لى چاڭفۇ مۇنداق دېدى: ”ئات ئۈستىدىكى 110“ مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان چارۋىچىلار قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسا بىزدىن ياردەم سورايدۇ.بىز ۋاقتىدا ساقچى ئاجرىتىپ چارۋىچىلارغا ياردەم بېرىپ، تەۋەلىكىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  چارۋا چارۋىچىلارنىڭ جېنى. بىرقانچە يىل ئىلگىرى تۇرسۇن توختى چارۋىلارنى يايلاقتىن يۆتكەش داۋامىدا قار-بورانغا ئۇچراپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن 200 دىن ئارتۇق قويى تىزدىن ئاشىدىغان قاردا قاپسىلىپ قالىدۇ. قويلارنىڭ ئۈستى-بېشى مۇز بولۇپ كەتكەچكە بىر ماڭداممۇ ماڭالمايدۇ. ياردەم سوراش توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاقچىغ ساقسىخانىسىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر قوتازدىن پايدىلىنىپ يول ئېچىپ، تۇرسۇن توختى ئائىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋالىدۇ. 200 دىن ئارتۇق قوينىمۇ بىخەتەر جايغا يۆتكەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ”ئات ئۈستىدىكى 110“ مۇلازىمەت ئەترىتى 2006- يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان 38 ئادەم قېتىم خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزغان؛ 4678 ئادەم قېتىم ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، 350 ئادەم قېتىم چارۋىچىلارغا دورا ئاپىرىپ بەرگەن. يوقاپ كەتكەن 1124 تۇياق چارۋىنى تېپىپ بېرىپ، چارۋىچىلارنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالغان.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر