خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:( كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيىسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 150 ئايال 8- يانۋار جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك ئاياللار-بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى تەسىس قىلغان، قىممىتى 45 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان پاراۋانلىق تۈرىدىكى «ئانىلار پوسۇلكىسى»غا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ پاراۋانلىق تۈرى قارانچۇقسىز ياشانغانلار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاياللار ۋە بالىلارنى ئوبيېكت قىلغان بولۇپ، «پوسۇلكا» ئىچىگە جىلىتكە، شارپا، پەلەي، پايپاق، لۆڭگە، ئەدىيال قاتارلىق كىيىم-كېچەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئىكەن.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى