باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مائارىپقا ۋە نامراتلارغا قىلىنغان ساخاۋەت

2015.01.15 09:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:( شايار ناھىيەلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىنئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاھىرجان نىياز، ئېلى ھىمىتلار خەۋەر قىلىدۇ) 6-يانۋار گۈلباغ بازىرىنىڭ كىچىك گۈلباغ كەنتى ۋە كىچىك گۈلباغ مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بازار ۋە كەنت، مەھەللە تەۋەسىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر ۋە نامرات، قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنى ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. كەنت، مەھەللە ئاھالىلىرى بۇ ئىشقا ئاكتىپلىق بىلەن قىزغىن پوزىتسىيە تۇتۇپ، بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلدى. قىسقىغىنا يېرىم سائەت ئىچىدىلا 138نەپەر ساخاۋەتچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جەمئىي 36مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى. كىچىك گۈلباغ مەھەللە ئاھالىسى تۇنياز ئابدۇل ئاكتىپلىق بىلەن 3مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، مائارىپقا، نامراتلارغا بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىدى. تۇنياز ئابدۇل مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئىئانە قىلىش پائالىيىتىدە ئازغىنە كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم. مائارىپ بولسا تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، مائارىپنى قوللاش ھەربىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر