باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىككى بايرام»، «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2014.12.31 18:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد: ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 29 - دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايون بويىچە جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش تارماقلىرى تېلىۋېزىيە تېلىفۇن يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، بۈگۈندىن باشلاپ ئاپتونوم رايون بويىچە ج خ تارماقلىرى «ئىككى بايرام»، «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، نۇقتىلىق تۈردە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە ئالدامچىلىق، ئالداپ ئەكىتىش، بۇلاڭچىلىق، ئوغۇرلۇق، قارا كۈچلەر قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن.

  2014 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش تارماقلىرى ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋە تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. «ئىككى بايرام»، «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جايلاردىكى جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر تۈركۈم كۈچلۈك ئىنكاس قىلىنىپ كېلىنگەن ئالاھىدە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى پاش قىلىدىكەن، بىرتۈركۈم جىنايەت شايكىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، جىنايەتچىلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، جىنايەت تورىنى بىتچىت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرام جەريانىدىكى بىخەتەرلىك ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىكەن. يىغىندا يەنە جايلارنىڭ قاتىللىق دېلوسى قاتارلىق زور دېلولارنى تېزدىن پاش قىلىپ، نوخلىسى ئۆسۈپ كەتكەن جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشى، ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىغا بولغان جىنايى ئىشلار رازۋېتكىسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساقچى تۈرلىرىنىڭ ماس قەدەمدە خىزمەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە پاش قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەت قىلىش، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، قورامىغا يەتمىگەن ياش – ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر