باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق پاختا ھوسۇلى 3 مىليون 677 مىڭ توننىغا يەتتى

2014.12.29 15:20         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 17- دېكابىردىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، 2014- يىلى شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى 3 مىليون 677 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەملىكەت پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 59.7% ىنى ئىگىلىگەن؛ شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىلەرنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 2 مىليون 484 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 298 مىڭ توننا ئازايغان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 17- دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېرىلغۇ كۆلىمى ئازىيىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن مەملىكىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق پاختا ئومومىي ھوسۇلى 6 مىليون 166 مىڭ توننا بولغان، 2013- يىلىدىكىدىن 138 مىڭ توننا ئازىيىپ، 2.2% تۆۋەنلىگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى. نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 235.1 گېكتار ئېشىپ، 1953.3 گېكتارغا يەتكەن، لېكىن باشقا ئۆلكىلەر پاختا كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەچكە، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ئومۇميۈزلۈك ئازايغان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل مەملىكىتىمىزدىكى پاختا بىرلىك ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 0.7% ئېشىپ، 1460.3 كىلوگىرام \ (گېكتار) غا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 10.8 كىلوگىرام (گېكتار) ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونىمىز پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەۋزەللىكى بولغاچقا، بىرلىك ھوسۇلى باشقا رايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پاختا بىرلىك ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىق تۈرتكە بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر