باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول «يىپەك يولى» دىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى بىر - بىرىگە باغلايدۇ

2014.12.29 15:18         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ليۇ ۋېنۋېن خەۋەر قىلىدۇ: لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 26 - دېكابىر قاتناش باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا چىقىدىغان قىسقا يوللۇق ساياھەتنىڭ يېڭى دەۋرى باشلىنىدۇ ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت بازىرى تېخىمۇ جانلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: «لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناش باشلىنىشى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ يول يۈرۈش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ يولۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن گەنسۇدىكى ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ <يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى> ساياھەت كەسپىنى بەرپا قىلىشقا زور پايدىسى بار».

  ئۈرۈمچىدىن جيايۈگۈەنگە بېرىشتا ئىلگىرى پويىزغا ئولتۇرغاندا 10 سائەتچە ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا بەش سائەتمۇ كەتمەيدۇ؛ لەنجۇغا بېرىشقىمۇ 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. لەنجۇ «تيەنشا» ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ گەنسۇ ساياھەت بازىرىغا بولغان پايدىسى زور، ساياھەتچىلىك بازىرىدا شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بىز نۇرغۇن ساياھەت لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلىدۇق».

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ساياھەت تەشۋىقات ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «قىشلىق، ئەتىيازلىق 50 پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ساياھەت لىنىيەلىرى بولسىمۇ، بىراق باھاسى ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىدىكى باھانىڭ يېرىمىغا تەڭ، ھەتتا تەننەرخ باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت».

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ھەپتە ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ناھايىتى قولايلىق.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا ئاپتونوم رايونىمىزغا ساياھەتكە كەلگەنلەر ئومۇمىي ساياھەتچىلەرنىڭ 43.87% ىنى ئىگىلەيدىكەن.

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى شى فېڭ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناش باشلىنىشى كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىكى ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ۋاقتىنى تېجەپ قالىدۇ، ساياھەتچىلىك بازىرىنىڭ ساياھەت دائىرىسى بىلەن تاللاش پۇرسىتىمۇ كېڭىيىدۇ، بۇ ئوخشاش بىر لىنىيەدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىشنى خالايدىغان مەنزىرە رايونلىرى ياكى ساياھەت لىنىيەلىرىنى تاللىسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەنزىرە نۇقتىلىرىمۇ چوقۇم ئۆزگىچىلىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك».

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى يىدۇڭ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى ساياھەتچىلىك بازىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ساياھەت ئىستېمالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم رايون ساياھىتى ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ساياھەت بايلىقىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى <ئاقىلانە> ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر