باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياۋا تۆگىنى قوغداش خىزمىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ

2014.12.29 15:16         مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خبىرىمىز خې لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ياۋا تۆگىسىنى قوغداش جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ «جىنئوۋ» سۈت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ياۋا تۆگىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە يېقىندا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەتتە شىنجاڭ ياۋا تۆگىسىنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىنئەي مۇنداق دېدى: «ياۋا تۆگە مەملىكىتىمىزدىكى قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ سانى يەرشارىدا 1000 دىن ئاشمايدۇ، مەملىكىتىمىزدە 650 ئەتراپىدا ياۋا تۆگە بار، ئۇلار ئاساسلىقى، لوپنور كۆلى ئەتراپىدا ياشايدۇ، ئۇنى قوغداش خىزمىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش بىرلەشمىسى ياۋا تۆگىلەرنىڭ خەتەر ئاستىدا قېلىش دەرىجىسىنى ئەسلىدىكى <خەتەر ئاستىدا قېلىش دەرىجىسى يۇقىرى ھايۋان> لىقتىن <خەتەر ئاستىدا قېلىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ھايۋان> غا ئۆزگەرتتى، بۇنىڭدىن بۇ خىزمەتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر