ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى «ساخاۋەتچى ئاتىلار» كوللېكتىپى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ «گۆھەر» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى تاشبۇلاق تەۋەلىكى ئارقا بۇلاق يولى شىمالىي مەھەللىسى ئاھالىلار كومىتېتى ۋە داۋان شىمالىي يولى ئاھالىلار كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىدىن يېڭى يىللىق ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى 24-دېكابىر مەشرەپ رېستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «ساخاۋەتچى ئاتىلار» كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى تۇرسۇن ھەسەن ئەپەندى، «ساخاۋەتچى ئاتىلار» كوللېكتىپىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئابدۇراخمان ئابدۇللا ، ئابدۇرېھىمجان توختى ئەپەندى، شىنجاڭ «گۆھەر» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابلىكىم ھاجىم، ئون مۇنەۋۋەر ئاتا شەرىپىگە ئېرىشكەن مەخمۇتجان ئەپەندى، تىيانشان رايونى تاشبۇلاق ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىمجان ياسىن ئەپەندى، داۋان شىمالى يولى ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غۇسسىدىنمۇھەممەت، تەڭرىتاغ رايونى ئارقا بۇلاق يولى شىمالىي مەھەللىسى ئاھالىلار كومىتېتىدىن تۇرغۇنجان سەلەي ئەپەندى ، شۇنداقلا ئىككى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى بىر قىسىم مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى ۋە ئاھالىلەر قاتناشتى.
پائالىيەتتە شىنجاڭ «گۆھەر» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابلىكىم ھاجىم تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان 254 نەپەر مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىنىڭ ھەر بىرىگە 327.6 يۈەن قىممىتىدە يېڭى يىللىق سوۋغا بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئارقا بۇلاق يولى شىمالىي مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدە كۆچمەن نوپۇس ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاھالىلەر بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، مەھەللە كومىتېتى قۇرۇلغان بۇ بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئاھالىلەرگە نەپ يېتىدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنگەن.