باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايىنغۇلىن ئوبلاستى ئادەمسىز رازۋېدكا ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ مۇۋەققىپىيەت قازاندى

2014.12.28 20:44         مەنبە: توغراق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئاينىڭ 14-كۈنى، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يېڭى ئورۇنلاشتۇرغان، CH91 راكىتا ياردەمچى ماتور تىپتىكى ئادەمسىز رازۋىتكا ئايروپىلان، CH902 قول بىلەن ئېتىش تىپتىكى ئادەمسىز رازۋىتكا ئايروپىلان،CH906A تۆت پىرقىرىما قاناتلىق ئادەمسىز رازۋىتكا ئايروپىلان تۇنجى قېتىم غەلبىلىك سىناق ئۇچتى.

  سىناق ئۇچۇش جەريانىدا، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ شۇجىسى ،ئىدارە باشلىقى جاڭ جۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ CH91 راكىتا ياردەمچى ماتور تىپتىكى ئادەمسىز رازۋىتكا ئايروپىلان، CH902 قول بىلەن ئېتىش تىپتىكى ئادەمسىز رازۋىتكا ئايروپىلان،CH906A تۆت پىرقىرىما قاناتلىق ئادەمسىز رازۋىتكا ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇشىنى كۆزەتتى،ئايروپىلانغا چىقىپ ئۇچۇشقا قوماندانلىق قىلدى.ئادەمسىز رازۋىتكا ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش داۋامىدا سۈرەت ئەۋەتىشىنى كۆردى، ئايروپىلانىنىڭ چارلاش دائىرىس، چارلاش ۋاقتى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگەللىدى.

  ئىگەللىنىشىچە بايىنغۇلىن ئوبلاستى پۈتۈن ئوبلاستنىڭ مۇقىملىق ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمسىز رازۋىتكا ئايروپىلاننى تېزدىن ئەمەلىي چارلاشتا قوللىنىپ، تېررورلىققا قارشى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋىتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر