باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، ياشپەن–تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى

2014.12.25 14:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى›› ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندى

  مارالبېشى ناھىيەلىك چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ خادىمى ما بېن ئۈستىگە ئالغان ‹‹قوينى كۆپكېزەك تۆللىتىش تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش›› تۈرىدە 15 – دېكابىر مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باشلاندى. ما بېن ئۈستىگە ئالغان بۇ تۈر ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى››نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ئۈلگە كۆرسەتكەن، بۇ ئۇ ئۈلگە كۆرسەتكەن بەشىنچى يېزا ئىكەن.

  ما بېن تەسىرلەنگەن ھالدا: ئاپتونوم رايوننىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇ يەردىكى دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ‹‹مېنىڭ ئىلمىي ماقالەمنى جاھانغا تارقاتقان››دەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، دېدى. ئۇ بۇ قۇرۇلۇشتىن نەپكە ئېرىشكەن نۇرغۇن كىشىنىڭ بىرسىدۇر.

  ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››گە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ياش ئىختىساسلىقلاردىن 140ى تەربىيەلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان ياش ئىختىساس ئىگىسىدىن ئونى، مۇنەۋۋەر ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىدىن 50ى، ياش دوكتور پەن – تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىدىن 30ى، ئاساسىي قاتلامدىكى پەن – تېخنىكا ياش ئىختىساس ئىگىسىدىن 50ى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ تەتقىقات ساھەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېڭى ماتېرىيال، ئۇچۇر كەسپى ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئاممىۋى بىخەتەرلىك قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز بۇنىڭ ئۈچۈن 12 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان بولۇپ، پەن – تېخنىكا نازارىتى كۆزگە كۆرۈنگەن پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان ياش ئىختىساسلىقلارغا 300 مىڭ يۈەندىن، مۇنەۋۋەر ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا 80 مىڭ يۈەندىن، ياش دوكتور پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پەن – تېخنىكا ياش ئىختىساسلىقلىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن تەتقىقات خىراجىتى بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاساسىي قاتلامدىكى 1 – سەپنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، كارخانىلارغا مايىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئالتاي ‹‹گېباۋ كەندىرى كەسپىي تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش ئەترىتى››، ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھىنىڭ ‹‹يېڭى ئالاھىدە ئېنېرگىيە مەنبەسى يۇقىرى ساپلىقتىكى سىلىتسىي كىرىستال ماتېرىيالى تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەترىتى›› قاتارلىق بەش پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ياش ئىختىساسلىقلار ئەترىتىگە 200 مىڭ يۈەندىن ياردەم بەرگەن.

  ‹‹ئىختىساسلىقلار + تۈر›› دەل بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خاسلىقىدۇر. ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى پەن – تېخنىكا پىلانى تۈرىدە زور كۈچ بىلەن قوللىغان ۋە ئۇلارغا مايىل بولغان. بۇ يىل بۇ تۈركۈمدىكى پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسىنىڭ 78 مىليون 490 مىڭ يۈەن پەن – تېخنىكا پىلانى تۈر مەبلىغىگە ئېرىشكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىككى يىلدا پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىدا 340 پەن – تېخنىكا ياش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىگەن، ئاپتونوم رايون بۇلارغا 35 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى بەرگەن. پەن – تېخنىكا پىلانىنىڭ تۈرلەرنى يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغىنى قوشقاندا ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكىلىشىنى قوللىشىغا 100 مىليون يۈەنگە يېقىن سېلىنما سالغان. نەتىجىدە، بۇ قۇرۇلۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانغان.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر