باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لەنجۇ شىنجاڭ تېز پويىزىدا 26-دېكابىر پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ، بۈگۈندىن باشلاپ بىلەت سېتىلىدۇ

2014.12.25 14:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لەنجۇ ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا 26-دېكابىر پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ، بېلەت سېتىش خىزمىتى 24-چېسلا باشلىنىپ بولدى. لەنجۇ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، لەنجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى ئاپتوۋاگونلۇق پويىزدىن يەتتە جۈپنى ماڭدۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان 2703 D قېتىملىق نۆۋەتلىك پويىز 26-دېكابىر سائەت 10:49دا يولغا چىقىدۇ، يۈرۈش ۋاقتى 11:50 سائەت، بېلەت باھاسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇندۇقنىڭ 658 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇندۇقنىڭ 548.5 يۈەن. ئالاقە توردىن بىلەت سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر ئېلېكترونلۇق بىلەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بېلەت سېتىۋىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن بېلەتنى چىقىرىش ھاجەتسىز، ئۇدۇل بىلەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالدىدا كىملىكىنى سۈرتۈپلا ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا چىقسا بولىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن بىن فوتوسى.)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر