خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كوناشەھەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بىزنى بىخەتەر تۇرالغۇغا ئىگە قىلدى، 5A دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى بەرپا قىلىنسا، كوچىدا يايما كۆپەيسە، سېتىۋالىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپىيىدۇ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.» 15-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ قەشقەر كونا شەھەر رايونى شۇنداقلا پامىر مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىدا، 6-ئەۋلاد چالغۇ ياساش ۋارىسى مۇھەممەت تۇرسۇنجان مۇنداق ۋەدە بەردى: بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەر بىر خېرىدارغا سەمىمىي كۈلكەم بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن، چالغۇلىرىمنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمەن، مۇلازىمەت سۈپىتىمنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى شۇ رايوندىكى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى. قەشقەر كونا شەھەر دۇنيادا ساقلىنىۋاتقان كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خام لاي قۇرۇلۇش توپىنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە بىردىنبىر ساقلىنىشى مۇكەممەل بولغان ئوردا شەكىللىك شەھەر رەستىسى؛ تاشقورغان پامىر ساياھەت رايونى قەشقەر ساياھىتىنىڭ ئالتۇن لىنىيەسى، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى بىكىتى. بۇ يىل 11-ئايدا، قەشقەر كونا شەھەر، پامىر مەنزىرە رايونى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى كۆرۈنۈش جەھەتتىن باھالاپ، 5A دەرىجىلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھالقىلىق پەيتكە كەلدى. باھالاپ تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىدە، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى كېلەر يىلى 6-ئايدا مۇتەخەسسىسلەرنى باشلاپ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ۋېۋىسكا تارقىتىپ بېرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى