باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى يېزىلاردا ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غوللۇق ياشلارنى تەربىيەلىدى

2014.12.11 16:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياشلار تاۋاردىن پايدىلىنىپ باھا جېڭى قىلماسلىقى، ماركا يارىتىش ئارقىلىق باھادا كېلىشىشى، مەدەنىي بولۇپ، ئۆزگىچىلىك يارىتىشى كېرەك››، دېدى ‹‹خۈييىباۋ›› ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شىڭ زەيپېڭ 18 – نويابىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى داۋاملىق مائارىپ ئىنستىتۇتىدا تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان يېزا ياشلىرىغا.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ يېزا ياشلىرى خىزمىتى بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىقتىدارلىق ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا، ‹‹تاۋباۋ›› ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ شۆبە مەكتىپىنىڭ لىكتورلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىدىغان يېزا ياشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  ‹‹شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە قۇرۇق مېۋىنىڭ توردا سېتىلىشى ئەڭ كۆپ، ئەمما ھەرقايسى تور دۇكانلىرىدا مەھسۇلاتنىڭ تۈرى، سۈرىتى ۋە تەسۋىرلەش سۆزلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تاللىشى بەك تەسكە توختاۋاتىدۇ›› دېدى شىڭ زەيپېڭ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەھسۇلاتنىڭ خاسلىقى شۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان جايى، ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى، ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلاردا نامايان بولىدۇ، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتنى سېتىشتا، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن خاسلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك. بۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئالدىن ئويلىشىدىغان مۇھىم مەسىلە.

  نىلقا ناھىيەسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگەن ئىستۇدېنت ۋۇ ئېرگېڭ يەرلىك توخۇ باقمىچىلىقى كوپىراتىپى قۇرغانىدى، يەرلىكتە بازار چەكلىك بولۇپلا قالماي، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىمۇ ئاز ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۇرسنى پۈتكۈزۈپ قايتقاندىن كېيىن، يۇرتىمىزدىكى باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تور دۇكىنى ئېچىپ يۇرتىمىزنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى يېزا ياشلىرى خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لىمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تەربىيەلىنىشكە قاتناشقانلار ئاساسەن ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ئاساسى بار يېزا ياشلىرى، ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر