باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز››

2014.12.11 16:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئەل قەلبىنى مايىل قىلغانلىقى توغرىسىدامۇبارەك ئىسمائىل، سېيىت تىلىۋالدى

  دېھقانچىلىققا لازىملىق سۇ قىس، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا مەبلەغ كەمچىل، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى تار بولۇش ئەھۋاللىرى بۇ كەنت دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىيىنچىلىق ئىكەن. بىز كەنتكە چۇشكەندىن بۇيان بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى مۇھىم تىرىشىش نىشانىمىز قىلدۇق، دېدى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى تۆتكۆل كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لۇ گولىن ئىشەنچ بىلەن.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 3 – ئاينىڭ بېشىدا كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى يادرو قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. جۈملىدىن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تىجارەت ئاپپاراتلىرى ناھىيە تەۋەسىنى تولۇق قاپلاشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەمدەم بولدى.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى تۆتكۆل كەنتىگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئېتىز بېشى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى بىرمۇبىر ئارىلاپ، كەنتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تېزلا ئىگىلەپ چىقتى. خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئىشنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن باشلاپ تۇتۇپ، 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلىدى، كەنتنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىنى يېڭىدىن ياسىدى...

  سىلى دەرھال تەييارلىق قىلسىلا، بىز ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ قويدۇق، ئورگاندىكى خادىملارنى قىزلىرىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق، قىزلىرى گۈلىستاننىڭ كېسىلى پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىدۇ!

  4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى بۇ كەنتتىكى ھۆسىيىن نامان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئېزىز باراتتىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا چىرايىغا شۇ ھامان كۈلكە يۈگۈردى.

  ھۆسىيىن ناماننىڭ ئۈچ قىزى بار ئىدى. بىر يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ چوڭ قىزى گۈلىستاننىڭ ئاشقازىنىدا ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالغانلىقى بايقالدى، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى تاپقان – تۈگكىنىنى گۈلىستاننىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىپ نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىدى، بالىمۇ ئىلاجىسىز ئوقۇشتىن توختاپ قالدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ، گۈلىستاننى قايتا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى...

  ئىككى كۈن ئىلگىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا پۇل قەرز ئېلىش خىيالىم بارلىقىنى ئېيتقانىدىم، مانا بۈگۈن تەستىق چۈشۈپتۇ، بۇنداق تېز بولۇشىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن. مانا ئەمدى قوشۇمچە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى! دېدى تۆتكۆل كەنتىدىكى دېھقان ھۈسەنجان تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا.

  كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ ئالاقىلىشىشى نەتىجىسىدە، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك تارمىقى بۇ كەنتتىكى 36 ئائىلىلىك دېھقانغا 1 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق ۋە باغ ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.

  ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشىمۇ بۇ كەنتكە چۈشكەن كادىرلار باش قاتۇرىدىغان مۇھىم ئىشلاردىن ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى مەبلەغ ھەل قىلىپ، يېزا ۋە كەنتنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن سالىدىغان 50 يۈرۈشلۈك ئۆي قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچلۈك مەدەت بەردى. جۈملىدىن، يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېڭى ئۆي سالىدىغان ھەربىر دېھقان ئائىلىسىنى 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن قوللىغاندىن باشقا يەنە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارغا كىرېدىت مەبلىغى ئارقىلىق مەدەت بەردى.

  ئۇقۇشىمىزچە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى ئۆزلىرىنىڭ يۆلەش نۇقتىسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى تۆتكۆل كەنتىگە ئۈچ يىلدا 15كادىرنى ئەۋەتىشنى پىلانلىغان ئىكەن، بۇ يىل بۇ كەنتكە چۈشكەن بەش كادىر ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ھەم ئۇتۇقلۇق قانات يايدۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئاپپاراتلىرىدىن جەمئىي 260 خادىم كەنتلەرگە چۈشۈپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر