باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېرىم يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا 115 زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسى تارمار قىلىندى

مەخسۇس ھەرىكەت يولغا قويۇلدى، ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلدى

2014.12.09 23:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 8-دېكابىر ئوچۇق سوت قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «30-ئاپرېل»، «22-ماي» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىغا 1-سوتتا ئوچۇق ھۆكۈم چىقاردى، 17 جاۋابكارغا جازا بېرىلدى.

  قانۇن تورىدىن قېچىپ قوتۇلغىلى بولمايدۇ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر جەزمەن جازالىنىدۇ. نۆۋەتتە «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەتئىي ھەرىكىتى ۋە مۇستەھكەم ئىشەنچىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي جەڭگاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ. بولۇپمۇ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يامرىشى، دىن ئەسەبىيلىكى كۈچلىرىنىڭ قۇترىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان روشەن خەۋپ بولۇپ قالدى.

  بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئاساسىي جەڭگاھ قىلىنىپ، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى. يېرىم يىلدىن بۇيان، 115 خەۋپلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسى تارمار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ھەرىكەتلىرى بىخ ھالىتى ۋە ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرىلا ئۇجۇقتۇرۋېتىلدى.

  «مەخسۇس ھەرىكەتتە چوڭقۇرلاپ قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، رىئال خەتىرى زور، ئىدىيەسى ئەسەبىي، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەت خاھىشى ۋە جىنايى پاكىتى، ئارقا كۆرۈنۈشى بار، مۇناسىۋەت تورى تېخى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغانلار مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، پىنھان جايغا يوشۇرۇنغان ۋە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە كۈشكۈرتكۈچى، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلغۇچى، پارتلىتىش تېخنىكىسىنى ئۈگەتكۈچىلەر ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، يوشۇرۇن ئاپەت تۈگىتىلدى. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شايكا ۋە دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلارنى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن چوڭقۇرلاپ قېزىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم پارتلىتىش، كۆيدۈرۈش قۇرۇلمىلىرى ۋە پارتلاتقۇچ ياساش ماتېرىياللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى. چوڭقۇرلاش قېزىلغان، تارمار قىلىنغان خەتەرلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلگەن، ئېنىقلانغان شايكىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %40.6 نى ئىگىلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر