قەشقەرلىك بالىلار ئىللىقلىق سومكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى، تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى ، فوتوسى : قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 538 نەپەر بالا يېقىندا ‹‹بىر يۈەن فوندى ›› ئىللىقلىق سومكىسىغا ئېرىشتى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە جەمئىي 4500 دانە ‹‹ئىللىقلىق سومكىسى›› تارقىتىلىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە، ‹‹بىر يۈەن فوندى›› داڭلىق كىنو چولپىنى لى ليەنجېنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2007-يىلى قۇرۇلغان خەير-ساخاۋەت فوندى بولۇپ، ‹‹بىر يۈەن فوندى›› ئىللىقلىق سومكىسى نامرات رايونلاردىكى ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان . 2012-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ تۈر ئەمەلىيلىشىپ ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 6290 نەپەر ئۆسمۈر ئىللىقلىق سومكىسىغا ئېرىشكەن . بۇ ‹‹بىر يۈەن فوندى ›› ئىللىقلىق سومكىسىدا مامۇق چاپان ، دوپپا، شارپا، پەلەي، قىشلىق ئاياغ، پايپاق، ئوقۇغۇچىلار سومكىسى، ئوقۇش قوراللىرى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئوقۇشلۇقى، ئۈششۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پاستىسى قاتارلىق 12 خىل بۇيۇم بار ئىكەن .