باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىقاتىدا مۇھىم رول ئوينىدى

2014.11.26 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قۇرباننىياز قارسىم، مۇھەممەت ھېيتلار خەۋىرى، فوتوسى: گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزىسى يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

  يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەبلەغ ھەل قىلىپ، يېزىلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى ۋە كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىدى. دېھقان-چارۋىچىلارغا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، گۈزەللىك قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، مەدەنىي، يارىشىملىق كىيىنىپ، يېڭى تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. كەنتلەردە ھەپتىدە بىر قېتىم، يېزىدا پەسىلدە بىر قېتىم ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە، ئانا ۋەتەنگە، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان مىننەتدارلىق ھىسسىياتى ئىپادىلەنگەن، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا ئۈندەيدىغان قىزىقارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ئاممىۋى مەشرەپ پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە ئۇلارنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىلغارلىققا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، يېزىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر