باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

2014.11.15 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى: ( ئاقسۇ گېزىتى مۇخبىرى ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﺎﻻﻡ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ﭼﻴﺎﯞ ﮔﯘﺍﯕﻠﯘﯓ، ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ) ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭىسى ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ 2014 ـ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻴﺎتىنى ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜمىنى ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺧﯩﺰمىتىنى ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭ ﻣﻪبلىغى ﺭﺍﺳﺨﻮتىنى ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗشنى ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﺑﻠﻐﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜمىنى ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻛﯚﺗﯜﺭﺩى .

  ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﺎﮬﺎﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮبيېكتى ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪىكى ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ 2014 ـ يىلى ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭنى ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭ ﻣﻪبلىغى، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻣﻪبلىغى، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘشى ﺳﺎﻧﺎئىتىنى ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭ ﻣﻪبلىغى، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ ـ ﻛﯧﭽﻪﻙ ﻛﻪسپىنى ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭ ﻣﻪبلىغى ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﯜﺭﺩىكى 5 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 710 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ 12 ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜچى ﺋﺎﺳﺎسلىقى ﺗﯜﺭنى ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪسى، ﺗﯜﺭنى ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭئىتى، ﺗﯜﺭنى ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺗﯜﺭ ﺧﯩﺮﺍجىتى ﺋﻪﮬﯟالى، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍلى، ﺗﯜﺭنى ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯜﻧﯜمنى ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .

  ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎتىنى ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯽ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺋﯚيىنى ﭼﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪﺭنى ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺗﯧﺠﻪﺵ تېخنىكىسى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ، ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻼﺭنى ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر