باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2014-يىللىق ئەل ئارىسىدىكى مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيلەش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2014.11.15 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پائالىيەت زالىدا تونۇش بىر ئاھاڭ، يېقىملىق بىر سادا ياڭراشقا باشلىدى. بۇ سادا خەلىقىمز ئۇزاق ئەسەرلىك تۇرمۇش مۇساپىسىدە بارلىققا كەلتۇرگەن، بېيىتقان ئۆلمەس سادا، بۇ سادا كىشى قەلبىنى ئىللۇتقۇچى، كىشىگە مەنىۋى زوق ۋە خوشاللىق ئېلىپ كەلگۇچى سادا. بۇ سادا دەل ئۇيغۇر 12مۇقامنىڭ ئىچىدىكى ئۆزھال مۇقامىدىن ئىبارەت.

  ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەرنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتنىڭ تەربىيلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2014-يىللىق ئەل ئارىسىدىكى مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى، شۇكۇنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەر بىلەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پائالىيەت زالىدا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ۋىلايىتىمىزدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەرگە ئۆزھال مۇقامنى تولۇقى بىلەن ئورۇنداپ بۇ قېتىملىق تەربىيلىنىش جەھەتتىكى نەتىنجىلىرىنى بىر قېتىم نامايەن قىلىدى.

  13كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىملىق مۇقامچىلارنى تەربىيلەش كۇرسىغا ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەرقايسىلىرى ناھىيلىرىدىكى ئەل ئىچى مۇقامچىلىرى، مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ مۇقامچىلىرى ۋە ناھىيلىك سەنئەت ئۆمەكلەردىكى مۇقامچىلار بولۇپ 50 كە يېقىن ئادەم قاتناشقان بولۇپ. بۇ قېتىملىق كۇرسانتلارنى تەربىيلەشكە شىنجاڭ مۇقام ئانسانبىلى ناخشا ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك ناخشىچى، ماگىستىر ئاسپىرانىت مۇھەممەت تۇرسۇن بارات ئەپەندى يىتەكچىلىك قىلغان ،كۇرسانتلار بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان 12مۇقام ئىچىدىكى ئۆزھال مۇقامنى ناھايتتى ياخشى سەۋىيەدە ئورۇنلاپ رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇقېتىملىق دوكىلات بېرىش پائالىيتىگە قاتناشقان ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ مۇۋاىن باشلىقى ئەخمەت ئىمىن ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە سۆزلەپ: بىز بايا ئاڭلىغان ئۆزھال مۇقامى بىر سائەت يىگىرمە مىنۇت ئەتىراپىدا داۋام قىلدى. 13كۈن ئىچىدە مۇشۇنداق ياخشى نەتىجە قازىنىلدى. شۇنداقلا ئۆزھال مۇقامىنى ناھايتتى يۇقۇرى سەۋىيەدە ئورۇنلاپ ئۆتتى. مۇقام سەنئەت بېغىمىزدىكى بىباھا گۆھەر، بىر دەستە ئەتىرگۇلگە ئوخشايدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ سەنئەت بولىقىمز دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنى قېزىشىمىز، ياخشى ئاسىرىشىمىز قوغدىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا 12مۇقام تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش نۆۋەتتكى ئىلغار مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىش بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىز ئۇيغۇر مۇقامچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى پائال ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. دەپ كۆرسەتتى.

  ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى ئابلىمىت ئابدۇرىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ كۇرۇسنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز 2013-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ يول يۇرۇىقى، ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلىمى ۋە ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ قوللاپ –قۇۋەتلىشى بىلەن ئىدارىمىزدا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىشخانىسى قۇرۇلغان. بىز 2013-يىلى باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 42نەپەر مۇقام ھەۋەسكارلىرىنى يىغىپ پەنجىگاھ مۇقامىنى ئۆگنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ قېتىم 12مۇقامنىڭ 6-مۇقامى بولغان ئۆھال مۇقامنى ئۆگنىشكە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇرىنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئەمەلىي ئىزچىلاشتۇرۇپ مۇشۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنى ئىزچىل ئىشلەپ خەلىقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا يېڭىچە تۇس بېرىدىغان كۇرۇس ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرىمىز.

  بۇ قېتىملىق مۇقام كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرىنىڭ ماھارىتى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ يۇرت باشلىقى ئابلىمىت ئابدۇرىشىت ئەپەندى كۇرسانتلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى.

  مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر