باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ ئۈرۈمچى ـ قۇمۇل دىنامىكىلىق پويىزىغا بېلەت سېتىش باشلاندى(2)

2014.11.07 15:31   مەنبە: خەلق تورى

لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ ئۈرۈمچى ـ قۇمۇل دىنامىكىلىق پويىزىغا بېلەت سېتىش باشلاندى(2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لەنجۇ -شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى (ئۈرۈمچى- قۇمۇل بۆلىكى) 16-نويابىر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ناماياندىسى بولۇپ قالدى. 6-نويابىر لەنجۇ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ـ قۇمۇل دىنامىكىلىق پويىزىغا بېلەت سېتىش باشلانغانلىقىنىڭ تۇنجى كۈنى، يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش زالى بېلەت سېتىۋالغىلى كەلگەن يولۇچىلار بىلەن لىق تولغانىدى.

  57 ياشلىق جىن جۇمېي پېنىسىيىگە چىققان پويىز خىزمەتچىسى بولۇپ، بۈگۈن ئەتىگەندە دىنامىكىلىق پويىزنىڭ تۇنجى بېلىتىنى سېتىۋالدى؛ ئۇ قۇمۇلدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا بارىدىغان D8601 قېتىملىق پويىزنىڭ 2-دەرىجىلىك ئورۇندۇقىنى 163.5 يۈەنگە سېتىۋالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر تۆمۈر يول خىزمىتى قىلغانلىقىنى، بۈگۈن قاق سەھەردە كېلىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ بۇ بېلەتنى ئېلىپ ئەسلىمە ئۈچۈن ساقلاپ قويماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز