باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتە يىل 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ھەقسىز نان يەتكۈزگەن تۇرسۇن داۋۇت

2014.11.05 14:26   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئالتە يىل 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ھەقسىز نان يەتكۈزگەن تۇرسۇن داۋۇت

  تۇرسۇن داۋۇت ئاقسۇ شەھەرلىك 14-باشلانچ مەكتەپتىكى بالىلارغا نان تارقاتماقتا

  بۈگۈن يەنە ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چۈشلۈك ئارام ۋاقتى بولدى ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ ، يولغا تەلمۈرۈپ تۇرۇشتى . ئۇلارغا تونۇش بولۇپ كەتكەن ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغاندا ، ھەممىسى : ‹‹دادىمىز كەلدى ، دادىمىز كەلدى ›› دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى . بالىلارنىڭ ئۆزىنى ‹‹دادا›› دەپ چاقىرغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغان بوۋاي موتوسىكلىتتىكى نانلارنى ئۇلارغا تارقىتىپ بەردى .

  بۇ بوۋاينىڭ ئىسمى تۇرسۇن داۋۇت بولۇپ ، 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۇ ھەر كۈنى چۈشتە ئىگەچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك 14-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مۇشۇ بىر قىسىم بالىلارغا ھەقسىز نان تارقىتىپ كېلىۋاتاتتى . ئۇ مۇشۇنداق ئالتە يىل نان تارقاتتى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى باشتا نەچچە ئونلا بولغان بولسا ، ھازىر يۈزدىن ئېشىپ كەتتى .

  ئاقسۇ شەھەرلىك 14-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى غۇلامجان ئۆمەر تۇرسۇن داۋۇتنىڭ تۇنجى قېتىم بالىلارغا نان تارقاتقان مەنزىرىنى تا بۈگۈنگىچە ئەسلەيدۇ .

  تۇرسۇن داۋۇت ناننى ئېلىپ مەكتەپكە كىرگەندە ، بالىلار چۇرقىرىشىپ قارشى ئالىدۇ ، بالىلارنىڭ بەزىلىرى خۇشاللىقىدىن ئۇسسۇل ئويناپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن بالىلار تۇرسۇن داۋۇتنى ئورىۋېلىپ ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئويناپ كېتىشىدۇ .

  غۇلامجان ئۆمەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تۇرسۇن داۋۇت ئالتە يىل بۇرۇن مەكتەپكە كېلىپ ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى بېرىشىمىزنى ، ئۇلارغا ھەر كۈنى چۈشتە ھەقسىز نان ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغانىدى . دەسلەپتە ئۇنىغا 24 نەپەر قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىملىكىنى بەردۇق . تۇرسۇن داۋۇت نان تارقىتىش جەريانىدا ، يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بايقىدى ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەكتەپنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى سانىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز