باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق”تەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش“ لېكسىيە ئۆمىكى ئونسۇ ناھىيەسىدە

2014.11.04 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خې چۈنلىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق”تەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش“ لېكسىيە ئۆمىكى 2-نويابىر ئونسۇ ناھيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى بىلەن جام بازىرىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ناھىيە ۋە يېزا-بازارلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، يېزا كادىرلىرى ۋە ئامما لېكسىيە ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى مەمۇرىي ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى گۈلنار نىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ لېكتورى ئادىلجان ئېزىز، ۋىلايەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمگەك كاپالەت ئىدارىسى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېيىدىن تۇرغۇن، ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتەپنىڭ لېكتورى تۇرسۇن تۇنىياز قاتارلىقلار”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ جان تومۇرىمىز“،” خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز“ دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر بولۇپ، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك 7-ئومۇمىي ئەزالار(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ،” ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش“ پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەر مىللەت ئاممىسى دىنى ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ چەك چېگراسىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەش؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنى نۆۋەتتىكى ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قارا نىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر