خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پوسكام ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى مەخسۇس تېمىدا قانۇن-تۈزۈمدىن سەييارە لېكسىيە سۆزلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەرقايسى يېزا-بازارلىق ئورتتۇرا–باشلانغۇچ مەتەپلەردە ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قۇغداپ، مۇقىملىقنى كۇچەيتىش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەشۋىقات پالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈردى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش بويىچە ۋەدە بەردى ۋە ئىمزا قويدى. ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە كۈيباغ، ئايكۆل،ئاختام قاتارلىق يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلرىدە ئوقۇغۇچىلارغا 10 مەيدان لېكسىيە سۆزلەنگەن.
سۈرەتتە: تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار كۈيباغ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش پائالىيىتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى