باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئىككى باي ‹‹فوربېس››قا چىقتى

2014.10.30 09:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى : ‹‹فوربېس ›› خەنزۇچە تورى 28-ئۆكتەبىر ‹‹ فوربېس 2014-يىللىق جۇڭگو بايلىرى تىزىملىكى ›› نى ئېلان قىلدى . ئېلان قىلىنغان جۇڭگودىكى ئالدىنقى 400 باي تىزىملىكىگە شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي ›› ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ لېدىرى سۈن گۇاڭشىن ۋە ‹‹ جاۋچى ›› پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى گۇ ۋېي يەنە بىر قېتىم كىردى .

  2003-يىلى تۇنجى قېتىم ‹‹ فوربېس ›› جۇڭگو بايلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن سۈن گۇاڭشىن بۇ يىلنى ھېسابلىغاندا ئۇدا 12 يىل بۇ تىزىملىككە كىرگەن ، 51 ياشلىق سۈن گۇاڭشىن بۇ يىل 23 مىليارد 260 مىليون يۈەن مەبلىغى بىلەن 28-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ ، بۇلتۇرقىدىن ئىككى ئورۇن چېكىنگەن ، بىراق بايلىقى بۇلتۇرقىدىن ئاشقان .

  تىزىملىككە كىرگەن يەنە بىر كىشى ـــ ‹‹جاۋچى ›› پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى گۇ ۋېي بولۇپ ، 49 ياشلىق گۇ ۋېيمۇ بۇ تىزىملىكتە ئاللىقاچان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ‹‹ كونا تونۇش ›› ىغا ئايلانغان . بۇ يىل ئۇ 8 مىليارد 690 مىليون يۈەن مەبلىغى بىلەن 130-ئورۇنغا تىزىلغان . ئۇ بۇ تىزىملىكتە بۇلتۇرقىدىن 30 ئورۇن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىراق شەخسي بايلىقى بۇلتۇرقىدىن 578 مىليون يۈەن ئاشقان .

  بۇ يىل ‹‹ فوربېس ›› جۇڭگو بايلىرى تىزىملىكىدە جۇڭگودىكى مىليادېرلارنىڭ سانى زور ئېشىپ ، بۇلتۇرقى 168 دىن 242 گە كۆپەيگەن . ئىنتېرنېت كارخانىچىلىرى بۇ يىللىق تىزىملىكتىكى مەركىزىي نۇقتا بولۇپ قالغان ، ‹‹ئەلى بابا›› شىركىتىدىكى ما يۈن ، ‹‹ بەيدۇ ›› دىكى لى يەنخوڭ ۋە ‹‹تېڭشۈن ›› دىكى ما خواتېڭ قاتارلىقلار ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر