باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

2014.10.24 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى شەرق مەدەنىيىتى ۋە شەھەر تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنى، بېيجىڭ «مەنيۈەن» جامائەت پاراۋانلىقى فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە قۇرغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ مەركەز شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ساھەسىدىكى تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ يىللىق قۇرۇلۇش راسخوتىنى بېيجىڭ «مەنيۈەن» جامائەت پاراۋانلىقى فوندى جەمئىيىتى ئاجرىتىدىكەن، بۇ پۇل ئاساسلىقى ئىلمىي ئالاقە ھەمكارلىقى، مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى ۋە ماتېرىيال ئامبىرى، كەسپىي تور بېكىتى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ مەركەز مەدەنىيەتنى تونۇش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت كەسپى قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىكەن. تەتقىقات مەركىزى يېقىندا يەنە «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات دوكلاتى» (يىللىق كۆك تاشلىق كىتاپ)، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى مەدەنىيەت كەسپى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپى سىياسىتى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭنىڭ 13 – بەش يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات يىرىك پىلانى ھەققىدىكى ئالدىن تەتقىقات» ۋە «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپى يادرو رايونى(CCD)تەتقىقاتى» قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تۈرلىرىنى يولغا قويىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر