باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر «يولغا قويۇش پىكرى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2014.10.24 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  {شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ نوپۇسنى تىزىملاش تۈزۈمى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ} {دائىم ئولتۇرۇشلۇق نوپۇس شەھەر ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ}

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 30 – سېنتەبىر ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى››(تۇلۇق تېكىستى ۋە يەشمىسى ئايرىم بېرىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، نوپۇس باشقۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە تەڭشەپ، شەھەر بىلەن يېزا نوپۇسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىي بار بولغان ئاھالىلەر ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشنى تېزلىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى، ئاساسىي داۋالىنىش – ساقلىقنى ساقلاش، ئاساسىي كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق شەھەر، بازارلاردىكى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى تولۇق قاپلىشىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە ئاھالىلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، دېھقانچىلىق(چارۋىچىلىق) بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە ئىشتاتلىق بازارلارغا تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىش، دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يۆتكەلگەن ئاھالىلەرنى شەھەر ئاھالىسىگە ئۆزگەرتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ مۇۋاپىق جايلىشىشىنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن پۈتۈنلەي قاپلاشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقى ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  نوپۇس باشقۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تەڭشەش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ شەھەر رايونلىرى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرۇشلۇق بازارلار ۋە باشقا ئىشتاتلىق بازارلاردا نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا چەك قويۇلمايدۇ، ئىجارە ئۆيلەر(ئەمەلىيەتتە ئولتۇرۇۋاتقان يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئاساسەن نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتى كەڭ قويۇپ بېرىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا تېخىمۇ كەڭ سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالە كۆلىمى تېزگىنلىنىدۇ، قاراماي شەھىرىنىڭ ئاھالە كۆلىمى مۇۋاپىق تېزگىنلىنىدۇ.

  نوپۇس باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، شەھەر، يېزىلاردا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمى ۋە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، نوپۇسى بولمىغانلارنىڭ نوپۇسى ھەل قىلىنىدۇ ھەم ئۇزاق ئۈنۈملىك مېخانىزم ئورنىتىلىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشتا قولايلىق ئالاقە كارتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي بار بولغان ئاھالىلار ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە يېزا كۆچمە نوپۇسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنغان بولۇپ، يېزىلار(چارۋىچىلىق رايونلىرى)دىكى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ ھەم ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىگە مالىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلىدۇ.

  ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››گە ئاساسەن، 2020 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتىگە ئۈنۈملىك تىرەك بولالايدىغان، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدىغان، ئادەم ئاساس قىلىنىدىغان، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملىك، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك يېڭىچە نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر