باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدىكى بېكەتلەردە ئۆزگىرىش بولدى

2014.10.24 11:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ھازىرقى لايىھەگە ئاساسلانغاندا، 1-قارارلىق قۇرۇلۇشتىكى بېكەتلەردە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولغان. يېڭىدىن «يەنئەن» يولى بېكىتى بىلەن بېدىلىك بېكىتى قوشۇلۇپ، پاختا - چىگە شىركىتى شەرقىي بېكىتى بىلەن پاختا - چىگە شىركىتى بېكىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مېترو 2-لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، ئىككى قارارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن، 1- قارارلىق قۇرۇلۇش لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 19.1 كىلومېتىر بولۇپ، 16 بېكەت تەسىس قىلىنىدىكەن. جەنۇبتا «يەنئەن» يولىدىن باشلىنىپ، غەربىي شىمالدا «خۇاشەن» يولىدا ئاخىرلىشىدىكەن. «يەنئەن» يولى، چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى، داۋان، ئەرداۋان، مائارىپ ئىنستىتوتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاققۇۋۇق، ئوتتۇرا كۆۋرۈك، خۇمدانلىق، «نەنچاڭ» مەھەللىسى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، بېدىلىك، «پىڭچۈەن» يولى، «بېكەت ئالدى» كوچىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋوگزالى، «خۇاشەن» يولى بېكىتىدىن ئىبارەت 16 بېكەت تەسىس قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر