باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە سىرتتىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەر 25 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى(1)

2014.10.16 13:44   مەنبە: خەلق تورى

كۇچا ناھىيەسىدە سىرتتىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەر 25 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىدە بۇ يىل 830 مىڭ مو كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، ئەمگەك كۈچى ئاز ، كېۋەز كۆلىمى كۆپ، ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىۋېلىش %10 گىمۇ يەتمىگەن ئەھۋالدا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سىرتتىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تۇرالغۇ، بىخەتەرلىك ۋە ئەمگەك ھەققى جەھەتلەردە كاپالەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، پاختا تەرگۈچىلەرنى خاتىرجەم ئىشلەش شارائىتىغا ئىگە قىلدى. پاختا تېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 11 مىڭدىن ئارتۇق، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 مىڭدىن ئارتۇق پاختا تەرگۈچى ناھىيەنىڭ 14 يېزا-بازار، مەيدانلىرىدا كېۋەز تېرىش ئەمگكىنى ئومۇمىيۈزلىك باشلىۋەتتى.

  ئىگىلىنشچە، سىرتتىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەر 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پاختا تېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ھەر بىر پاختا تەرگۈچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 120 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىكەن.سۈرەتتە: 15-ئۆكتەبىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئىشچىلار ئاقئۆستەڭ يېزىسىنىڭ شوركۆل كەنتىدە پاختا تەرمەكتە.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز