باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پوسكام ناھىيەسى دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان بىر بۈركۈتنى تەبىئەتكە قويۇۋەتتى

2014.10.16 08:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز توختى قۇربان خەۋرىرى: 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، پوسكام ناھىيەلىك ئورمان ساقچىخانىسىدىكى كادىر-ساقچىلار ئالتۇن توغراق ساياھەت رايونىدا دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان بىر بۈركۈتنى تەبىئەتكە قويۇۋەتتى.

  9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، پوسكام ناھىيە سەيلى يېزا قوزىمال كەنتىدىكى سىرتتىن كەلگەن بىر قانچە ئىشلەمچى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋېتىپ، ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان بىر چوڭ قۇشنى بايقىغان ۋە بۇقۇشنى تۇتۇپ، تېزدىن كەنت كومىتېتىغا ئەكىلىپ بەرگەن. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ، پوسكام ناھىيەلىك ئورمان ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئەسقەر مەمەت بۇ قۇشقا قاراپلا ئۇنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان سېرىق بۈركۈت ئىكەنلىكىنى بىلگەن .

  پوسكام ناھىيەلىك ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتىدىكى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۈركۈت قۇتقۇزۇش پونكىتىغا ئېلىپ كېلىنگەن كۈنىلا ئىككى كىلوگىرامغا يېقىن كالا گۆشىنى يەپ بولغان ھەمدە قۇتقۇزۇش پۇنكىتىدا 15 كۇن بېقىلغان.

  ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىمىت قادىر مۇنداق دېدى: بۈگۈن تەبىئەتكە قويۇۋىتىلگەن بۈركۈت دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش بولۇپ ، ئامما تاپشۇرۇپ بەرگەن . ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئەسلىدىنلا سانى ئاز بولغان تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇندىن باشقا ئەمەلىي خىزمەتلەر داۋامىدا ھەر مىللەت كادىرلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەممە كىشى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر