باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇناھىيەلىك سەھىيە سىستېمىسى ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئەسەبىيلىككە ئاڭلىق قارىشى تۇردى

2014.10.16 08:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خې چۈنلىن خەۋىرى:13-ئۆكتەبىر، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى نەچچە يۈز تېببىي خادىم ئۇچىسىغا ئاق خالات كىيىپ قۇم دىيارى مەيدانىدا سەھىيە سىستېمىسىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەخسۇس پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بۇرھان مەمەت مۇراسىمغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەھىيە سىستېمىسىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى ــــ «ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەش، خۇراپاتلىقنى تۈگىتىش، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش، ھاياتلىقنى قەدىرلەش» تىن ئىبارەت باش تېمىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش؛ بارلىق سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، باشتىن-ئاخىر كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش،ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇش؛ «ساغلاملىقنى قوغدىغۇچىلار» نىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى زېممىسىگە ئېلىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىش؛ زامانىۋى تېببىي ئىلىم ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە رەددىيە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ناچار ئادەتنى چۆرۈپ تاشلاپ ئاڭلىق ھالدا ئەسەبىيلىكنى توسۇشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  نەچچە يۈز تېببىي خادىم «10 چوڭ رېتسىپتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن خەت يېزىلغان لوزۇنكىغا ئىمزا قويدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر