باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ردا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى

2014.10.15 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇدا تۆت يىل «ياشانغانلار كۈتۈنۈشى، ياشانغانلارغا غەمخۇرلۇق قىلىش قۇرۇلۇشى»نى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ يولغا قويغاندىن بۇيان، جايلار كۆپ مىقداردىكى مەبلەغنى ياشانغانلار كۈتۈنۈشى مۇلازىمەت ئاپپاراتى سېلىشقا ئاجرىتىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، نۇرغۇنلىغان ياشانغانلار ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتىدا كۆڭۈلدىكىدەك ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولماقتا.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىستاتستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 6-ئايغىچە شىنجاڭدا تۈرلۈك ياشانغانلار مۇلازىمەت ئەسلىھەسىدىن 1700دىن كۆپرەكى تەسس قىلىنغان، كارۋات سانى 50مىڭدىن ئاشقان، ئائىلە ياشانغانلار كۈتۈنۈشىنى ئاساس، مەھەللە مۇلازىمىتىنى تايانچ، ئاپپارات ياشانغانلار كۈتۈنۈشىنى تىرەك قىلغان شەھەر يېزىلارنى قاپلىغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

  تۆت يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچ مىليارد200مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، جايلاردا 504 ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تەسس قىلدى. ھازىر ئۈرۈمچىنى مەركەز، ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، ناھىيە شەھەرلەرنى قاپلىغان، يېزا-بازارلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۈلگىلىك رولغا ئىگە ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تورى شەكىللىنىپ، كۈندە خەۋەر ئالالايدىغان، ھاۋالىلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان مەھەللە 184گە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر