باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 58 ئوتتۇرا-كىچىك كارخانا جۇڭگو خەلقئارا يەرمەنكىسىدىن سودا پۇرسىتى ئىزدىدى

2014.10.14 15:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئۆكتەبىر 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلار يەرمەنكىسى گۇاڭجۇدا ئېچىلدى، شىنجاڭدىكى 58 كارخانا 171 خىل مەھسۇلاتىنى ئېلىپ يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇ مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئەسلىھەلىرى، ماشىنا ـ ئۈسكۈنە ياساش ئەسلىھەلىرى، توقۇلما بۇيۇم مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرلۈك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان سېتىۋالغۇچىلار كېلىپ مەسلىھەت سورىدى ۋە ھەمكارلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

  ئىلى شىتەي ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قارا بۇغداي تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى 20 مىنۇت ئىچىدە 10 نەچچە سودىگەر كېلىپ سۈرۈشتۈردى، ئاخىرىدا فوشەن نەنخەي سودا شىركىتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە 100 توننىلىق تەمىنلەش كېلىشمى ئىمزالىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يەرمەنكىسى يېڭلىق يارىتىپ يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش مىخانىزمى ئورنىتىپ، «بىر ۋاقىتتا ئىككى يەرمەنكە» ئۆتكۈزگەن، يەرمەنكىگە بىرلىكتە باشچىلىق قىلغان موسكۋا تەشكىللىگەن يۇقىرى كۆلەمدىكى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە غايەت زور ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئۆمىكى يەرمەنكىگە قاتناشقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر