باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاغلىق يېزىدىكى ھارماس ئايال پوچتالىيۇن

2014.10.13 16:55   مەنبە: خەلق تورى

تاغلىق يېزىدىكى ھارماس ئايال پوچتالىيۇن

  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ناسىپجان مامۇت خەۋىرى: ئاتۇش شەھەر تۈگۈرمىتى يېزىلىق پوچتا پونكىتىدا پەقەت بىرلا پوچتالىيۇن ئىشلەيدۇ، بەلكىم سىز بۇ پوچتالىيۇننى ئەر پوچتالىيۇن دەپ قالغانسىز،ئۇنداق ئۇيلىغان بولسىڭىز سىز چوقۇم خاتالاشقان بولۇپ قالىسىز، ئۇنداقتا بۇ پوچتالىيۇن ئايال ئىكەندە، شۇنداق، چېھرىدىن سەمىمىيلىك،كىچىك پېئىللىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان بۇ پوچتالىيۇن بولسا مەزكۈر پوچتا پونكىتىنىڭ باشلىقى ھەم ھارماس ئايال پوچتالىيۇن دەپ نام ئالغان بۇپاتىمە تۇردىنىيازدۇر. بۇپاتىمە تۇردىنىيازنىڭ خىزمەتكە قاتناشقىنىغا 19 يىل بولغان بولسا، پونكىتتا ئۆزى يالغۇزلا ئىشلەۋاتقىنىغا توپتوغرا 12 يىل بولۇپ قالدى. تۈگۈرمىتى يېزىسى بولسا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان چىگرا يېزا بولۇپ ،شەھەر بىلەن بولغان ئارلىقى 80 كىلومىتىر كىلىدۇ.شىنجاڭ پوچتا شىركىتى قىزىلسۇ شۆبە شىركىتىنىڭ پوچتا يەتكۈزۈش ماشىنىسى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى سەھەردىلا مەزكۈر يېزىغا گېزىت-ژورناللارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇپاتىمەنىڭ كۈندىلىك خىزمەت تەرتىۋى بولسا شۇ كۈنى كەلگەن گېزىت-ژورنال، خەت-چەك، پوسۇلكىلارنى ئىدارە-ئورگان،ھەر قايسى كەنىتلەرگە شۇ كۈنىلا يەتكۈزۈشتىن سېرت، گېزىت –ژورناللارغا شەخسى مۇشتىرى بولغان بىر قىسىم چارۋىچىلارغىمۇ دەل ۋاختىدا يەتكۈزۈشتۇر. بۇپاتىمە ئۇنىڭدىن سېرت ئىش ئورنىدا مۇقۇم ئولتۇرۇپ ئىدارە-ئورگاندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ، چارۋىچىلارنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىدىغان خەت-چەك، تۈرلۈك پوسۇلكىلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئەۋەتىشكە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. تۈگۈرمىتى يېزىسىدىكى بىر قىسىم كەنىتلەرنىڭ يېزا بىلەن ئارىلىقى 20 كىلومىتىرغا يېقىن بولسا، بىر قىسىم كەنتلەر تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، بۇپاتىمە بۇ كەنتلەرگە گېزىت-ژورناللارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە چوقۇملا دەريانى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، بۇنداق چاغلاردا بۇپاتىمە ھەر ۋاقىت كۈيۈمچان يولدىشىنىڭ سەمىمىي ياردىمىدىن ئايرىلالمىدى. بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن تاغلىق يېزىدا ئۆزى يالغۇز پوچتالىيون بولۇش ئۇنچە ئوڭايمۇ ئەمەس،بۇپاتىمە تۇردىنىياز مەيلى قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرى، يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسسىقلىرىدا بولسۇن ھېرىپ-چارچاشتىن، جاپا مۇشەقققەتتىن قورقماي، يېزا تەۋەسىدىكى يەتتە كەنت،20 دىن ئارتۇق ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، دوختۇرخانا، چىگرا ــ مۇداپىيە ساقچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 20 خىلدىن ئارتۇق تۈرلۈك گېزىت، 25 خىلدىن ئارتۇق ھەر خىل ژورناللارنى،ھەر خىل پوسۇلكا، خەت–چەكلەرنى دەل ۋاقتىدا، خاتاسىز تارقىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شۇنداقلا چارۋىچىلارنىڭ قەلبىدە ھارماس ئايال پوچتالىيۇن دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.سۈرەتتە: بۇپاتىمە تۇردىنىياز گېزىتلەرنى دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.(ناسىپجان مامۇت فوتۇسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز