خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى غالىب مۇھەممەد مۇزىكا ئوقۇتۇشىدا تىنماي ئىزدىنىپ يېڭىلىق ياراتماقتا، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «6–نۆۋەتلىك ئاسىيا-ئوكيانىيە قىتئەسى خەلقئارالىق ياش–ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى»دا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان «دولان ئۇسسۇلى» مەملىكەتلىك ئومۇمىي تاللاش ياش–ئۆسمۈرلەر B گورۇپپىسىدا ئۇسسۇل تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ ئۆزى «جۇڭگودىكى 10 مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل رېژىسسورى» بولۇپ تەغدىرلەنگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنى مۇزىكا بىلەن تەربىيەلەش يولىدا داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى