خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو قەشقەر يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 1- ئۆكتەبىردىن 3- ئۆكتەبىرگىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى قەشقەر «جاڭنەن» يېزائىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بىرىۋاتقان تۆت ئۆلكە(شەھەر) ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىز ئىچى-سىرتىدىكى يېزا ئېگىلىكىگە چېتىشلىق 700 دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.
سۈرەتتە: سەمەن يېزىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان يەرلىك سامساق.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى