باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچادىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى سەككىز ئايدا 263 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى

2014.10.09 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇۇرۇۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  كۇچا ناھىيەسى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ناھىيەدىكى 50 دىن ئارتۇق چوڭ-ئوتتۇرا كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، شەھەر–يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسپ ئالاھىدىلىكى بويىچە زاكازلىق تەربىيەلەپ،11 مىڭغا يېقىن ئەمگەكچىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى . ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى 16 قارار كۇرس ئېچىپ، 14 مىڭ ئادەم (قېتىم) نى ئاشپەزلىك، ئائىلە ساياھەتچىلىكى، مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق ئەسقاتىدىغان كەسپ ماھارىتى بويىچە ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش جەريانىدىكى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق بىلىملەر بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىدى. نەتىجىدە ئالدىنقى سەككىز ئايدا سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى 43 مىڭ 595 ( قېتىم) غا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇمەزگىلدىكىدىن %175 ئاشتى. ئۇلارنىڭ كىرىمى 326 مىليون 544 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %42.09 ئاشتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر