باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەتىنىمىز ئېھتىياجلىق يەر بىزنىڭ يۇرتىمىز

2014.10.08 02:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋۇ جىشيەن ۋە ئۇنىڭ يولدىشى 1964-يىلى سچۇەندىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى جۇڭگو قازاقىستان چېگرىسىغا كېلىپ، بىر بېڭتۇەن خىزمەتچىسى بولغانىدى. يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈن ۋۇ جىشيەن تۇرۇشلۇق خەلق ئەسكەرلىرى بىرگادىسى چېگرا لىنىيەسى ئەتراپىدا يېلتىز تارتتى. بۇ بىڭتۇەننىڭ بىردنبىر قۇرغان ئايال خەلق ئەسكەرلىرى بىرگادىسى، شۇنداقلا بۇ جەڭگىۋارلىقنى ياخشى كۆرىدىغان چېگرىنى قوغدايدىغان تۆمۈر ئاياللارغا بېرىلگەن مۇكاپات.

  شىنجاڭدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تارقاقلاشقان 176 پولىك مەيدانى بار. بىڭتۇەندىكىلەر دائىم: شىنجاڭ قانچىلىك چوڭ بولسا، بىڭتۇەن شۇنچىلىك چوڭ، جۇڭگو قانچىلىك چوڭ بولسا، بىڭتۇەن شۇنچىلىك چوڭ» دەيدۇ. ئالدىنقى جۈملە بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇشتىكى ئىرادىسىنى ئىپادىلىسە، كېيىنكى جۈملە بىڭتۇەندىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەنلىكىدەك جاسارىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئاۋال شىنجاڭ غەربنىڭ ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن «ئوتتۇرا ئەسىر»، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ناھايىتى تۆۋەن دەپ قارىلاتتى. شىنجاڭدەك مۇنبەت تۇپراق، مول سۇ بايلىقى بار جايدا بىڭتۇەنلىكلەر خەلق بىلەن پايدا تالاشماي، قۇملۇققا يۇرۇش قىلىشتەك مۇھىم بىر قارارنى چىقاردى. بىر قولىدا قۇرال، بىر قولدا جۇتو ئالغان بىڭتۇەنلىكلەر ئۆستەك قېزىپ سۇ باشلاپ، قاقاسلىقلاردا مۇنبەت ئېتىزلارنى ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى باشلىدى. بىڭتۇەنلىكلەر جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلىدى، 60 نەچچە يىل قۇملۇق بىلەن كۆرەش قىلىپ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بۈگۈنكى كۈندە بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى شىنجاڭدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك رايونىغا كېڭەيدى.

  60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى «ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش» ھېسياتى بىلەن 2019 كىلومتېرلىق چېگرا لىنىيەسىنى ساقلاپ، بىر مىليون گىكتاردىن كۆپ بوز يەر ئېچىپ، شىخەنزە، ئوتۈنكوزا، بىيتۈن قاتارلىق بىر تۈركۈم غەربىي يۇرت شەھىرىنى قۇرۇپ چىقتى. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى، چېگرا رايوننى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ مەنىۋى بايرىقى بۇ بوستانلىقلاردا قەد كۆتۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر