باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا «بىڭتۈەننىڭ كۈچى» باش كۆتۈردى

2014.10.08 02:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تەرەققىي قىلىپ 2 مىليون 701 مىڭ نوپۇسى ۋە 14 ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋزىيەسى، 176 تۈەن مەيدانى، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق روتىسى، 4 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىسى بار، 7 شەھەرنى باشقۇرۇدىغان پارتىيە ھۆكۈمەت ئارمىيە كارخانا بىرلەشتۈرۈلگەن غايەت زور ئالاھىدە تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، چېگرا رايوندا پۇختا يىلتىز تارتقان، چېگرا رايوننى قوغداپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرىدىغان، ۋەتەننىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، مەڭگۈ مۇستەھكەم «بىڭتۈەن كۈچىگە» ئايلاندى. 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، بىڭتۈەن «بازارلاشتۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياسىدى، بىڭتۈەننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى تەرەققىياتى تېز يولغا كىردى، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا %16.6 ئاشتى، ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى غەربىي رايوندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىھال يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى. 60 يىلدىن بۇيان بىڭتۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز ئالاھىدە رول ئوينىدى. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ بىڭتۈەندە بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخسلەر بارلىققا كەلدى. مېي ليەن 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، تاغ دەريالارنى كېزىپ، قار بورانغا قارىماستىن، تاغلىق رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت چارۋا ئىشچىلىرى ۋە چارۋىچىلارغا دوختۇر ۋە دورا يەتكۈزدى؛ جياڭ ۋەنفۇ 43 يىلدا چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە بېرىپ، تاغلىق رايوننىڭ ئىچكىرىسىدە ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى؛ لى مېڭتاۋ 260 مىڭ كىلومېتىر يولنى پىيادە مېڭىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى قۇتقۇزۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «قازاق خەلقىنىڭ ياخشى ئوغلى» دەپ تەرىپلەندى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۈەنگە بىڭتۈەننى چېگرانى قوغداپ چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان رىشتە، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ شىنجاڭنىڭ ئىجىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدى ئەمىنلىكىنى قوغداش يېڭى ۋەزىپىسىنى ئاتا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر