باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلھام توختىنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش دېلوسىغا سوت ئېچىپ سوراق قىلىش نەق مەيدان خاتىرىسى

2014.09.26 08:56   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ئۈرۈمچى ، 24 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلھام توختىنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى دېلوسىغا 17–سېنتەبىردىن 18–سېنتەبىرگىچە ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى . جاۋابكار ئىلھام توختى سوتلاندى ، جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما بولۇپ 70 نەچچە كىشى سوت ئېچىپ سوراق قىلىشنى سىرتتىن ئاڭلىدى .

  سوت ئېچىپ سوراق قىلىش جەريانى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 12–نومۇرلۇق سوتخانىسىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى . 17–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، باش سوتچى قانۇن بولقىسىنى ئۈستەلگە ئۇرۇپ سوتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ، قانۇن ساقچىلىرى قىزىل ، سېرىق رەڭلىك چاقماق كۆڭلەك كىيگەن ئىلھام توختىنى سوتخانىغا ئېلىپ كىردى .

  باش سوتچى جاۋابكار ئىلھام توختىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ، سوت ئېچىپ سوراق قىلىشنى خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى .

  باش سوتچى جاۋابكارغا سوت ئېچىپ سوراق قىلىش داۋامىدا بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، سوتنىڭ تەكشۈرۈشى باشلاندى .

  سوت ئېچىپ سوراق قىلىش داۋامىدا ، جاۋابكار ئىلھام توختى ئەيىبنامىدە ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى دۆلەتنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلمىغان ، جىنايەت شايكىسى تەشكىللىمىدىم ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلمىدىم ، دەرس مەزمۇنى ۋە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىم ئىلمىي نۇقتىئىينەزەرنى ئاساس قىلغان ، دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى ۋە يۇقىرىقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىنكار قىلدى . جاۋابكارنىڭ ئادۋوكاتى دېلونىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغانلىقىغا قارىتا ئوخشىمايدىغان پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئىلھام توختىنى جىنايىتى يوق دەپ ئاقلىدى . ئەيىبلىگۈچى ئورگان قانۇن، پاكىتقا ئاساسەن ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ بۇ دېلونى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ، تەكشۈرۈش ، ئەيىبلەش ، سوت قىلىش پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەمدە شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، دەرسخانىدىكى دەرس سۆزلەش كۆرۈنمە چاستوتىسى ، ئېلېكتىرونلۇق ماددىي ئىسپاتنى ئېنىقلاش دوكلاتى ، سوراق خاتىرىسى ، يازما ئىسپات ۋە جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق 32 گۇرۇپپا ، 210 پارچىدىن كۆپرەك دەلىل–ئىسپاتنى كۆرسىتىپ ، جاۋابكارنىڭ جىنايەت پاكىتىنى دەلىللىدى .

  ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچى دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ، مەزمۇنىنىڭ راستلىقى ، ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ باغلىنىشچانلىقى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىنى چۆرىدەپ ئىسپاتنى يۈزلەشتۈرۈپ دەلىللىدى . جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتى پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى .

  ئەيىبلىگۈچى ئاخىرقى بايانىدا مەزكۇر دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل–ئىسپاتى تولۇق ، سوت تەرتىپى ئادىل، قانۇنلۇق بولۇپ ، جاۋابكار ئىلھام توختى دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى ، كېڭەشمە سوتنىڭ ئەيىبلەش پىكرىنى قوبۇل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، دېدى.

  ئەيىبلىگۈچى : جاۋابكار ئىلھام توختى ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەرس ئۆتۈپ ئادەم تەربىيەلەشتە ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرەك ئىدى ، ئەمما ئۇ دۆلەت كادىرى تۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى ئۇنتۇپ ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان جىنايى ھەرىكەتنى تەشكىللىگەن ، پىلانلىغان ۋە يولغا قويغان . ئۇ ئۆزىنىڭ جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلماي ، جىنايىتىنى قەتئىي بوينىغا ئالمىدى ، پوزىتسىيەسى ناھايىتى قەبىھ ، جەزمەن ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش كېرەك ، دەپ تەكىتلىدى .

  باش سوتچى 18–سېنتەبىر سائەت 19 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە قانۇن بولقىسىنى ئۈستەلگە ئۇرۇپ ، سوتنى توختىتىپ، ھۆكۈمنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

  23–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سوت مەھكىمىسى 1–سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلىپ ، ئىلھام توختىغا دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بېرىپ ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەم ئۇنىڭ شەخسىي مال–مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلدى.

  سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت

  دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەت شايكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان بىر قاتار جىنايى پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن ، پىلانلىغان ، يولغا قويغان

  سوت قاراپ چىقىش ئارقىلىق ، ئىلھام توختىنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر لىنىيەسى ›› تور پونكىتىنى سۇپا قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆزىگە تارتىپ ھەم مەزكۇر تور بېكىتىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاپ ، ئىلھام توختى باشچىلىقىدىكى دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەتچىلەر شايكىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ، مەزكۇر جىنايەت شايكىسىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ باشچىلىقىدا دۆلەتنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلىپ ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان بىر قاتار جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىك ، پىلانلىق سادىر قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.

  جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزاسى پ xx قاتارلىق گۇۋاھچىلار جاۋابكار ئىلھام توختىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىدىن پايدىلىنىپ ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ ، ئەزا تەربىيەلىگەنلىكى ، بىر قىسىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالغانلىقى ، تور پونكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى تارقىتىپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، شىنجاڭدا ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە››نى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزاسى ، گۇۋاھچى لxx ئىلھام توختىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىغا قاتناش ۋە ئۇنى باشقۇر، دەپ ئۆزىگە كۆپ قېتىم تەھدىت سالغانلىقى ۋە قىستىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  كۆپلىگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خادىملارنى خىزمەتكە قويۇش، ۋەزىپە تەقسىملەش قاتارلىقلارنىڭ ئىلھام توختىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغانلىقى، مۇھىم، سەزگۈر ماقالىلەرنى ئۇنىڭ شەخسەن ئۆزى ئۆزگەرتىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتكەنلىكىنى ھەم ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇچۇر يىغىپ ماقالە يېزىش، ماقالە تارقىتىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  ئىلھام توختى سوتتا: ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى ›› تور پونكىتى قۇرۇشتىكى مەقسەت ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈگىتىپ ، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ ھېچ قايسىسىدا بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇس قىلىنمىغان، دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

  ئەيىبلىگۈچى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور بېكىتىنى تەكشۈرۈپ دۆلەتنى پارچىلاش مەزمۇنىغا ئىگە دېلوغا چېتىشلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىنى تېپىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزاسى ، گۇۋاھچى ئاxx نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى : ‹‹ بىر قىسىم خەنزۇ تور ئەھلىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ، ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلىگەن گەپ – سۆزلىرى ، بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ئوبزورلارنى ئىلھام قەستەن ساقلاپ قوياتتى، ئېسىمدە قېلىشىچە خەنزۇ تور ئەھلىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىللايدىغان ئوبزورلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتسەم ئەتىسى يەنە پەيدا بولۇپ قالاتتى . ئىلھام تور پونكىتى ئارقىلىق بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ ، ئۇلارنى تېخىمۇ رادىكاللاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇش كەيپىياتىنى كۈچەيتتى ›› .

  جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزاسى ، گۇۋاھچى شxx نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى : ‹‹بىز ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ ماقالىلىرىنى تەھرىرلىگەندە ‹ ئۇيغۇر لىنىيەسى › نىڭ قارىشىنى قوشاتتۇق ، مەسىلەن : 2013 – يىلى 5 – ئايدا تەڭرىتاغ تورىنىڭ ‹‹ئۈرۈمچى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش دوكلات يىغىنى ئاچتى ›› دېگەن خەۋىرىنى ئىلھامنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ ‹‹ ئۈرۈمچى ئىدىيە ئۆزگەرتىش دوكلات يىغىنى ئاچتى ›› دەپ ئۆزگەرتىپ ، ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى ›› دە ئېلان قىلدۇق .

  ئەيىبلىگۈچى جاۋابكار ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزالىرى 2009–يىلىدىن بۇيان چېگرا سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاپپارات ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئۆزئارا ماسلىشىپ ، پارتىيەمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان، دەپ ئەيىبلىدى.

  ئەيىبلىگۈچى كۆرسەتكەن دەلىل–ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلھام توختى نازارەت قىلىنىشتىن قېچىش ئۈچۈن، لxx نى كۈشكۈرتۈپ ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىنىڭ مۇلازىمىتېرىنى چەت ئەلگە يۆتكەپ، چەت ئەلدىكى مەلۇم تاراتقۇنىڭ مۇخبىرى م xx نى تور بېكىتىنى ئاسراشقا مەسئۇل قىلغان ؛ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى تەشۋىق قىلغان؛ جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزالىرىنى كۈشكۈرتۈپ، مەخپىي شىفىرنى يېشىش يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ تور پونكىتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ‹‹ساقال، چۈمبەل، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەت›› قاتارلىق بىر نەچچە پارچە ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ، كۆچۈرۈپ بېسىپ ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىدا ئېلان قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە چەت ئەلدىكى مەلۇم تاراتقۇ ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىدىن شىنجاڭ مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان بىر نەچچە پارچە ماقالىنى كۆچۈرۈپ باسقان.

  ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، دەرس ئۆتكەندە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقان

  ئەيىبلىگۈچى جاۋابكار ئىلھام توختى ئۇزاقتىن بۇيان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، دەرس ئۆتكەندە شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭغا چېتىلىدىغان سىياسىتىگە يامان غەرەز بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دەپ ئەيىبلىدى.

  ئەيىبلىگۈچى كۆرسەتكەن مەكتەپ ئوقۇتۇش سىن ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاۋابكار ئىلھام توختى دەرسخانىدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى ئاشكارا تەرغىب قىلغان، مەسىلەن، ‹‹شىنجاڭ سىلەر خەنزۇلارنىڭمۇ؟ ياق، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ››. ‹‹مەن جۇڭگولۇق ئەمەس، چۈنكى مەن ئۇيغۇر، بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز ئوغۇزخان››.

  ئاقلىغۇچى جاۋابكار ئىلھام توختى دەرسخانىدا سۆزلىگەندە، دەرس ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاز بولغاچقا، تەسىر پەيدا قىلالمىغان، زىيىنىمۇ چوڭ ئەمەس، دەپ ئاقلىدى.

  ئەيىبلىگۈچى پ xx قاتارلىق يەتتە كىشى جاۋابكارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، جىنايەت شايكىسىغا قاتنىشىپ، دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، بۇ دەل جاۋابكار دەرس ئۆتۈپ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت، دەپ ئەيىبلىدى.

  جاۋابكار ئىلھام توختى مېنىڭ ئىلىم ئەركىنلىكىم ۋە سۆز ئەركىنلىكى ھوقۇقۇم بار، دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

  ئەيىبلىگۈچى مۇنداق كۆرسەتتى: سۆز ئەركىنلىكى ئەلۋەتتە ئاساسىي قانۇن خاراكتېرلىك ھوقۇق، لېكىن ھوقۇق مۇتلەق بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. ‹‹ئاساسىي قانۇن››نىڭ 51 – ماددىسىدا: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، دۆلەت، جەمئىيەت، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ››، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ھوقۇق قانۇنسىز جىنايى قىلمىشنىڭ ‹‹ياپقۇچى›› بولۇپ قالغاندا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەردىن ھالقىپ كەتكەندە، بۇ ھوقۇقلاردىن قالايمىقان پايدىلانغانلىق بولىدۇ؛ ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ دۆلەت، جەمئىيەت، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، قانۇن ئۇنى قوغدىمايلا قالماستىن، بەلكى قانۇننىڭ جازاسىغا ۋە زەربىسىگە ئۇچرايدۇ.

  يالغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە يالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشنى ۋە ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە››نى قوللاشتەك ساختا ئەلرايىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان

  ئەيىبلىگۈچى: جاۋابكار ئىلھام توختى يالغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى ئويدۇرۇپ چىقارغان ھەم ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىدا يالغان سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، دەرس ئۆتكەندە بۇ مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تارقىتىپ، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشنى ۋە ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە››نى قوللاشتەك ساختا ئەلرايىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، دەپ ئەيىبلىدى.

  ئەيىبلىگۈچى ئوتتۇرىغا قويغان دەلىل – ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى 2010 – يىل 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىنىڭ ‹‹ئىلھام توختى مەخسۇس ئىستونى››دا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بىر قانچە يىللىق ھۆججەت، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەييارلاش ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىلھام مۇئەللىم تەشكىللىگەن ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى››دە ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى›› تېما گۇرۇپپىسى 2009 – يىل 10 – ئايدىن 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە ۋە 2010 – يىل 1 – ئايدىن 3 – ئايغىچە، 2010 – يىل 5 – ئايدىن 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتە شەھەر، ئىككى ناھىيە ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن شەھەرلىرىدە جەمئىيەت تەكشۈرگەن ۋە ئەھۋال ئىگىلىگەن. بۇ دوكلاتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونومىيەسى ۋە مۇستەقىللىق خاھىشى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: %12.3 ئۇيغۇر مۇستەقىل دۆلەت قۇرغاندىلا ئۇيغۇرلار ۋە خەنزۇلار ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان، ھالبۇكى، %81.3 ئۇيغۇر ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە››نى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە خەنزۇلار ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.

  ئۈن – سىن ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاۋابكار ئىلھام توختى دەرس ئۆتكەندە مۇنداق دېگەن: ‹‹قېرىنداشلار مۇستەقىللىقنى قوللاۋاتىدۇ، بۇ نىسبەت تۆۋەن ئەمەس، %13 كىشى مۇستەقىللىقنى قوللايدۇ، ھالبۇكى يەنە خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن كىشىلەر، ئېسىمدە قېلىشىچە، %87 كىشى ئاپتونومىيەنى، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى قوللىغان، لېكىن يۈكسەك ئاپتونومىيەنى قوللىغان بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاپتونومىيە بولمىغان ئەھۋالدا مۇستەقىللىقنى قوللايدۇ››.

  ج خ ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىگىلىشىچە، جاۋابكار ئىلھام توختى تېما گۇرۇپپىسى تەشكىللىمىگەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جايلارغا بېرىپ جەمئىيەت تەكشۈرمەيلا قالماستىن، يەنە توردىمۇ ھېچقانداق تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلمىغان.

  ئەيىبلىگۈچى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتتا كۆرسىتىلىشىچە، جاۋابكار ئىلھام توختىنىڭ جىنايەت شايكىسىدىكى باشقا يادرولۇق خادىملارنىڭ ھېچقايسىسى جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى تارقىتىش، يىغىش، ئىستاتىستىكا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشمىغان، بىرەرىمۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆرمىگەن.

  گۇۋاھچى پ xxنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە: ‹‹بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى مەن <ئۇيغۇر لىنىيەسى>دە كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇقتۇم، لېكىن مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق تەكشۈرۈش دوكلاتى كۆرۈپ باقمىغان، ئاڭلاپمۇ باقمىغان››، دېيىلگەن.

  گۇۋاھچى ل xxنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە: ‹‹مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ سەرگەردان بالىلار توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆرگەن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئاسپىرانتنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىسسېرتاتسىيەسىغۇ دەيمەن، باشقىلار بۇ دىسسېرتاتسىيەنى ئۇنىڭغا بەرگەن، ئۇ بۇ دىسسېرتاتسىيەنى ئۆزىنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى دەۋالغان. بۇ دىسسېرتاتسىيەنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇ ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئۇ سىرتقىمۇ چىقماي، پۈتۈن كۈن ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە قەتئىي ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. جەمئىيەت تەكشۈرۈش كەسپىي نەرسە، نۇرغۇن كىشى قاتنىشىشقا توغرا كېلىدۇ››، دېيىلگەن.

  ئىلھام توختى سوتتا ئۆزىنى ئاقلاپ: بۇ تەكشۈرۈش ماقالىسىنى يازغىنى مەن ئەمەس، مەن پەقەت كەسپىي جەھەتتە تەكلىپ بەرگەن، ئۆزۈممۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولساممۇ، لېكىن سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىدىم، دېدى.

  جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سوتتا جاۋابكار ئىلھام توختىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىغا ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتەلمىدى.

  جاۋابكار ئىلھام توختى سوتتا كۆپ قېتىم: ‹‹مېنىڭ ئاپتونومىيە قارىشىم ناھايىتى ئېنىق››، ‹‹مەن ئاپتونومىيە تەرەپدارىمەن››، ‹‹مەن شىنجاڭنىڭ فىدېراتسىيە شەكلىدە جۇڭگودا قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن›› دېدى.

  قىسمەن دېلولاردىن پايدىلىنىپ ئىغۋا تارقىتىپ، زىددىيەت پەيدا قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقان

  ئەيىبلىگۈچى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى : 2009 – يىلىدىن بۇيان، جاۋابكار ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى يامان غەرەزدە ئىغۋا تارقىتىپ، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بۇرمىلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئۇيغۇر ئاممىسىنى ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىشقا كۈشكۈرتۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە باھانە ئويدۇرۇپ چىقارغان.

  دەلىل – ئىسپاتلارغا قارىغاندا، 2013 – يىلى مارالبېشى ناھىيەسىدە ‹‹ 23 – ئاپرېل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكار ئىلھام توختى مەركەز تاراتقۇلىرى دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارنى ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىدا ‹‹شىنجاڭ مارالبىشى ناھىيەسىدىكى پۇقرالار مۇنداق دېدى: ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدىكى زىددىيەت قانلىق ۋەقە پەيدا قىلدى››، ‹‹ئوخشاش ۋەقە، ئوخشىمايدىغان نەتىجە›› دېگەن تېمىلاردىكى ماقالىلەرنى يېزىشقا ۋە ماقالە يېزىپ، كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا كۈشكۈرتكەن ھەمدە ‹‹مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ساقچىلار بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ چۈمبىلىنى ئېچىۋەتكەچكە، ساقچىلار بىلەن خەلق زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، ئاخىرىدا قانلىق ۋەقە پەيدا بولغان››، دېگەن.

  ئۈن – سىن ماتىرىياللىرىغا قارىغاندا، جاۋابكار ئىلھام توختى دەرسخانىدا ‹‹23 – ئاپرېل›› دېلوسىنى ۋاسىتە قىلىپ، زوراۋانلىقنى ئوچۇق – ئاشكارا تەرغىب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ئۇلار زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرغان، ئۇلارغا قايىلمەن، ئۇلار قەھرىمان››. ‹‹مۇلايىم بولغىنىم بىلەن مەنمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشۈم، قارشىلىق كۆرسىتىشىم مۇمكىن››.

  يازما ئىسپاتلارغا قارىغاندا، 2013 – يىلى 24 – ئاپرېل، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچى بىلەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇرۇشۇپ قالغان. ئىلھام توختى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شايكىلىرىنى ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلاپ، ‹‹مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار توپلىشىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇردى›› دېگەندەك ماقالىلەرنى يېزىشقا كۈشكۈرتۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مە xx نى خەنزۇ ياتاقداشلىرى توپلىشىپ ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇردى، ئەما بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار، دېگەندەك پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، شۇنداقلا بۇ ۋەقە مارالبېشى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ‹‹23 – ئاپرېل›› دېلوسى بىلەن باغلىنىشلىق، دەپ يامان غەرەزدە مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلغان.

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى چىقىرىپ بەرگەن ‹‹مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋەقەنىڭ جەريانى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش›› ۋە بېيجىڭ شەھىرى ‹‹ۋەن شيۇسى›› ساقچىخانىسىنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن مۇشتلىشىش ۋەقەسىنى بېجىرىش ماتېرىيالىدا دەلىللىنىشىچە: 2013 – يىلى 24 – ئاپرېل كەچتە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فۇ xx بىلەن مە xx ئۇرۇشۇپ قېلىپ، مە xx نىڭ قاڭشىرى ئېزىلىپ كەتكەن (يېنىك زەخمىلەنگەن)، فۇ xx يېنىك يارىلانغان، ياتاقداشلىرى جاڭ xx، پەن xx، ليۇ xx لەر جېدەلنى ئايرىغان، ئەمما ئۇرۇشمىغان.

  پىچاندا ‹‹26 – ئىيۇن›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتى: ‹‹ئېچىنىشلىق دېلوغا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرگەنلىك سەۋەب بولغان›› دەپ ئاشكارا ئىغۋا تارقاتقان ھەم كەينى – كەينىدىن قۇتراتقۇلۇق تۈسىنى ئالغان بىر نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

  گۇۋاھچى لو xx نىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن دەلىللىنىشىچە، 2013 – يىلى 28 – ئۆكتەبىر، بېيجىڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەن، ئىلھام توختى ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدە ماقالە ئېلان قىلىپ: بۇ تېررورلۇق دېلوسى ئەمەس، دېگەن.

  جاۋابكار ئىلھام توختى ئۆزىنى ئاقلاپ: ھۆكۈمەت دەلىل–ئىسپاتنى ئېلان قىلمىدى ، ھەقىقىي ئەھۋالنى مەن بىلمەيمەن ، دېدى.

  ئەيىبلىگۈچى ئەيىبلەپ : ‹‹23–ئاپرېل›› دېلوسى قاتارلىق زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تاراتقۇلار دېلونىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ، دېلونىڭ خاراكتېرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، جاۋابكارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋىرىم يوق ، دەپ ئۆزىنى ئاقلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دېدى.

  زوراۋانلىق قىلىشقا قۇتراتقان ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇقنى پەردازلاپ ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قوللاپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان

  سوت قاراپ چىقىپ جاۋابكار ئىلھام توختىنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى .

  ئەيىبلىگۈچى كۆرسەتكەن سىن ماتېرىياللىرىدا دەلىللىنىشىچە، جاۋابكار ئىلھام توختى دەرسخانىدا كۆپ قېتىم زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلغان، مەسىلەن: ئۇ: ‹‹زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىشىشنى زوراۋانلىق ھەرىكىتى دەپ قارىسا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارغا بۇ ھۆكۈمەت ئالۋاستىدۇر، سەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلساڭ بولىدۇ، قايتۇرما زەربە بەرسەڭمۇ بولىدۇ، ھەر قانداق ئۇسۇلنى قوللانساڭ بولىدۇ، دوڭ سۇنرۈي، خۇاڭ جىگۇاڭچە ئۇسۇلنى قوللانساڭمۇ بولىدۇ، بارلىق ئۇسۇللار بىلەن كۈرەش قىلىشقىمۇ بولىدۇ،›› دېگەن.

  ئاقلىغۇچى مۇنداق دېدى: جاۋابكار تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەسەبىي ئىشلارنى قىلمىغان.

  ئەيىبلىگۈچى جاۋابكارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. 2009 – يىلى ‹‹26 – ئىيۇن›› شاۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكار ئىلھام توختى توردىن پايدىلىنىپ ئويۇن ئوينىغان. ئۇ ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىدىكى ‹‹ئىلھام توختى مەخسۇس ئىستونى››دا ‹‹26 – ئىيۇن ۋەقەسى ۋە كۆپ مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىرگە ئۆتۈش رىۋايىتى›› ماۋزۇلۇق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغىغان. ‹‹ئۇيغۇر لىنىيەسى›› تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى ماقالىلەر ۋە ئىلھام توختىنىڭ قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى سۆزلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن، مۇھەممەدجان ئابدۇللا قاتارلىقلار قانۇنسىز يىغىلىشنى پىلانلاپ ۋە يىغىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ‹‹5 – ئىيۇل›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئېغىر، خەتەرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلغان.

  سوتتىن كېيىن

  سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە سىرتتىن قاتناشقان ئاممىنى زىيارەت قىلدى.

  بۇ دېلونى سوتلاشنى ئاڭلاشقا سىرتتىن قاتناشقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى دوكتورى ئەركىن سامساق مۇنداق دېدى: بۇ دېلونى سوتلاشتا تەرتىپ ئادىل بولۇش تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئىككى كۈنلۈك سوتتا سىرتتىن ئاڭلاشقا قاتنىشىش جەريانىدا، مەن ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچىنىڭ باراۋەر ئورۇندا تۇرغانلىقىنى، كېڭەشمە سوتنىڭ جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق بايان قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى، جاۋابكار ھەر بىر قېتىم سۆزلەشنى تەلەپ قىلغاندا سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىجازەت بەرگەنلىكىنى، مەيلى كېڭەشمە سوت ۋە ئەيىبلىگۈچى بولسۇن ھەممىسى قانۇنىي سۆز – جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ، جاۋابكار بىلەن باراۋەر ئاساستا سۆزلەشكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت، جاۋابكار تەلەپ قويغاندا، قانۇن ساقچىسىنىڭ سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن ئۇنىڭغا مىنېرال سۇ ۋە كېكىردەكنى سىلىقلاش تابلىتى بەرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.

  جۇڭگو جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غەربىي شىمال سىياسىي – قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جا يۈ مۇنداق دېدى: بۇ دېلودا ھۆكۈم چىقىرىش، جىنايەتنى بېكىتىش توغرا بولدى. ئوبيېكتىپ ھەرىكەتتىن قارىغاندا، جاۋابكار ئىلھام توختى تور بېكىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم كىشىلەرنى توپلاپ، دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان، جىنايەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى مۇقىم، مەقسىتى ئېنىق، ھەرىكىتى بىردەك بولغان. ئىلھام توختىنىڭ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قۇتراتقۇلۇق قىلىشلا بولۇپ قالماي، بەلكى شۇ قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشىدۇر. جاۋابكارنىڭ گەپ – سۆزلىرى، ماقالىلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنى پارچىلاش مەقسىتى ئاشكارىلاندى، ئۇنىڭ سۆز – ھەرىكىتى ئۇنىڭدا سۇبيېكتىپ قەستەنلىك بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  جۇڭگو سىياسىي – قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى رۇەن چىلىن مۇنداق دېدى: بۇ دېلونىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ مۇھىم قانۇنىي ئىلھامى شۇ بولدىكى، سۆز ئەركىنلىكىدە قانۇنىي چەك بولىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، گەرچە ئەركىنلىكنى ئىپادىلەش ياكى سۆز ئەركىنلىكى پۇقرالارنىڭ تۈپ ھوقۇق – مەنپەئىتى، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇق – مەنپەئىتى بولسىمۇ، لېكىن سۆز ئەركىنلىكىنىڭ قانۇن چېكى، تۆۋەن چېكى ۋە قىزىل سىزىقى بولىدۇ، سۆز ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق قىلىشقا ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىشقا بولمايدۇ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك مىزانىدۇر. ئىنسانلار تارىخىدا بىر ئىرقنى يەنە بىر ئىرققا ئۆچمەنلىك قىلىش، كەمسىتىش ۋە نەسلىنى يوقىتىشقا كۈشكۈرتۈشكە ئائىت نۇرغۇن ئېچىنىشلىق ساۋاقلار بار، بۇنىڭغا 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىسلارنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ھەرىكىتى ئالاھىدە مىسال بولالايدۇ. بۇنداق قىلمىشلار ئىنسانىيەتكە ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ب د ت ئەھدىنامىسىدە بۇنداق قىلمىشلار چەكلەنگەن، خەلقئارا ئەھدىنامىدە بۇنداق قىلمىشلار جازالىنىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدىمۇ بۇنداق قىلمىشلار جىنايەت دەپ بېكىتىلىدۇ. گەپ – سۆزلەر بۇ مەسىلىگە چېتىلىپ قالسا، ئۇنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ، جەزمەن قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ.

  ئىككى كۈن داۋاملاشقان سوت ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىشقا سىرتتىن قاتناشقان ئايگۈل ياقۇپ چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: سوتتا ئىلھام توختىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم، ئۇ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراقنى كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلغان، ئۇ سوت ھۆكۈم ئېلان قىلغان جىنايەتچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مىللىتىمىزنىڭ گۇناھكارى. بىز بۇنداق بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا ھەرگىز چۈشمەيمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز.

  سوتنى سىرتتىن ئاڭلاشقا قاتناشقان شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ قاراقۇرۇم ئالىملىرى›› پىلانىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى ليۇ بىن مۇنداق دېدى: زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىش ۋە زوراۋانلىققا قۇترىتىشنىڭ زىيىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيىنىدىن ئېغىر بولىدۇ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىلا نىشان قىلماستىن، يەنە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنىمۇ نىشان قىلىش كېرەك، يەنى، دەرس مۇنبەرلىرىنى ‹‹تازىلاپ››، ئىلھام توختىدەك كىشىلەرنىڭ يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز