باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلھام توختى بىرىنچى سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2014.09.25 08:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 23-چېسلا ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىغا قارىتا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى قوشۇمچە شەخسىي مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلاندىكى، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، ئىلھام توختى «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىدە ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقان، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئازدۇرۇپ، ئۆزىگە تارتىپ، زورلاپ بۇ تور بېكەتكە كىرگۈزۈپ، ئىلھام توختى باشچىلىقىدىكى دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ئىلھام توختىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، دۆلەتنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلىپ، بىر يۈرۈش دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغان. مۇخبىر لى يانەن خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر