باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىللىق تەنتەنىدىكى ساليوت كېچىلىكى

2014.09.18 14:13   مەنبە: خەلق تورى

يىللىق تەنتەنىدىكى ساليوت كېچىلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەدجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00 دە «ئىناق جەلبكار بايىنغولىن ئوبلاستى» ئاساسىي تېما قىلىنغان بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە ساليوت كېچىلىكى كورلا «ئۈچ دەريانى تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئاققۇ دەرياسى بويىدا باشلاندى، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نەچچە ئون مىڭ مېھمان، ساياھەتچى ۋە كورلا شەھەر ئاھالىسى ساليوت كېچىلىكىدىكى تەنتەنىدىن بەھرلەندى. مەركەز تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋ، ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن جىن شىنخۇا، پېڭ جيەنخۇا، سۈن سەن ۋە ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ھۆرىگۈل جاپپار، ليۇ جىيۇڭ، بادە، سەلىمجان سەيدۇللا، سۇڭ جيەنۋېي ۋە ئەزالىرى بايىنغولىن ئوبلاستلىق تۆت بەنزە رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ساليوت كېچىلىكىنى تاماشا قىلدى. تۇنجى ئېتىلغان ساليوتتا «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېگەن خەت شەكلى بوشلۇقتا كۆرۈنگەندە، مەيداندىكى ئامما گۈلدىراس ياڭراتتى.

  سۈرەتتە: ئاققۇ دەرياسى بويىدا ئېتىلغان ساليوتلار كورلا شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز