باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پوسكام دېھقانلىرى كىرىمنى ئاشۇرۇشتا پارنىك تىرىقچىلىقىغا قىززىقىپ قالدى

2014.09.18 14:10   مەنبە: خەلق تورى

پوسكام  دېھقانلىرى كىرىمنى ئاشۇرۇشتا  پارنىك تىرىقچىلىقىغا قىززىقىپ  قالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرقاتار ئىتىبار بىرىش ۋە قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇشتا پارنىك تېرىقچىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىشكە يېتەكلىگەنلىكتىن، بۇلتۇردىن بۇيان دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلار بىر ھەسسە كۆپەيدى .

  ئىگىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پوسكام ناھىيەسىدە دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزلىرى مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كۈن نۇرى پارنىكى 3000 غا ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار 1500 گە؛ ئۇلارنىڭ پارنىكلاردا ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ئەلا سورتلۇق كۆكتاتلىرىنىڭ تۈرى 20 نەچچە خىلغا يەتكەندىن باشقا پارنىكتا خاس پاكار غوللۇق توغاچ شاپتۇل، بۆلجۈرگەن، گۇل-گىياھ قاتارلىقىلارنى ئۆستۈرگەن دېھقان 500دىن ئاشقان، دېھقانلارنىڭ ھەر بىر پارنىكتىن قىلغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 5500 يۈەندىن 8000 مىڭ يۈەنگىچە يېتەپ، ھازىرغىچە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن قىلغان ئومۇمىي ساپ كىرىمى 24 مىليون يۈەنگە يەتكەن .

  سۇرەتتە: تېخنىكىلار كۇيباغ يېزىسى سايئېرىق كەنت 5-مەھەللىسىدىكى پارنىك باشقۇرۇۋاتقان دېھقانلارغا پارنىكتا شوخلا ئۆستۈرۈش تېخنىكسىنى ئۆگەتمەكتە.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز