باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاتا-بالا شەھەرنىڭ «ھۆسۈن تۈزەش ئۇستىلىرى» بولۇپ قالدى

2014.09.05 11:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: قەشقەر شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش-مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ھېيتگاھ ئوتتۇرا ئەترىتىدە ئاتا-بالا شەھەر باشقۇرۇش خادىمى بار، بۇ ئىككەيلەن شەھەر تۈزەش- باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئورتاق ئالغا باسماقتا. ئۇلار باشقىلارغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، ئادىل قانۇن ئىجرا قىلىدۇ.

  ئاتىسى تۇرغۇنجان داۋۇت «كونا شەھەر رايونىنى باشقۇرۇش خادىمى» بولۇپ، 23 يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە، ئۇنىڭ خىزمەت تەجىربىسى مول، ئەمەلىي ئىش قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئوغلى ئابلىكىمجان تۇرغۇن 1990-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، خىزمەتتە ئاكتىپ، ئىنتىلىشچانلىقى يۇقىرى ياش. 2013-يىلى ئابلىكىمجان تۇرغۇن ھەربىي سەپتىن قايتىپ قەشقەر شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش-مەمۇرى قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ھېيتگاھ ئوتتۇرا ئەترىتىگە تەخسىم قىلىندى. ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ خىزمەت تەجىربىسى مول، يەنە بىرىنىڭ قوش تىل سەۋىيسى يۇقىرى. خىزمەت داۋامىدا تۇرغۇنجان داۋۇت كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان خىزمەت تەجىربىلىرىنىڭ بىرىنى قويماي ئوغلىغا ئۆگەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى تېز ئۆستى. بۈگنكى كۈندە ئاتا-بالا ئىككەيلەن ھېيتگاھ ئوتتۇرا ئەترىتىدە «شەھەر ھۆسۈن تۈزەش ئۇستىلىرى» دەپ تەرىپلەنمەكتە. ئۇلار ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بىرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئامما بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئابلىكىمجاننىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، پىلانلاش ئوتتۇرا ئەتىرىتىگە تەڭشەلدى، گەرچە ئاتا- بالا ئىككەيلەن خىزمەتتە بۇرۇنقىدەك داۋاملىق بىرگە بولالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا خىزمەت ئارىلىقىدىن پۇرسەت چىقىرىپ ياكى خىزمەتتىن قايتقاندىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزئارا خىزمەت ئۇسۇللىرى ھەققىدە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردى. ئاتىسى ئوغلىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى بايقىشى ئۈچۈن، داۋاملىق ئۆزىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئوغلىغا ئۆگىتىپ، ئوغلىنىڭ كەسپى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى ھەمدە ئوغلىنى ھەر خىل بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە يېتەكلىدى. بۇ «ئاتا بالا شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى» شەھەر باشقۇرۇش خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئىدارە رەھبەرلىكىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر