خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسمى ئەدەبىيات–سەنئەت ۋە داۋالاش مۇلازىمەت ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ، پەيزاۋات كەنتىلىرىدىكى دېھقان– چارۋىچىلارغا مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، بەختىيار تۇرمۇشنى مەدھىيەلەش ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەدەبىيات– سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ۋە سەييارە كېسەل كۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە-خەلق ئىتتپاقلىقىنى كۈچەيتتى.
سۈرەتتە: 1-سېنتەبىر قىسىمنىڭ سەييارە كېسەل كۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر پەيزاۋات كەنتىدىكى پېشقەدەم دېھقانلارنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى