باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى مۇھىت ھازىرلىدى

2014.09.03 13:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئاچقۇچ قىلىپ، يىزا-كەنت مەكتەپلىرىدە ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلارپ بەردى. شامالباغ، بەشكېرەم، سەمەن، خاڭدى، پاختەكلە قاتارلىق يېزا-بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى قۇردى. ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيىدا كومپىيۇتېر ئۆيى، كۇلالچىلىق سەنئىتى ئۆيى، يېنىك ئاتلېتكا مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق تۈرلۈك پائالىيەت سورۇنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە قوش تىل ئۆگىنىش، ئەخلاق تەربىيەسى، ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە، پەن-تىخنىكا، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق پائالىيەت تۈرىنى يولغا قويۇپ، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن ساپاسى يۇقىرى، مائارىپ تەجرىبىسى مول، مەلۇم جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار خادىملارنى تاللاپ، مەخسۇس تەربىيەچى ياكى قوشۇمچە تەربىيەچىلىككە قويدى. شەھەردىكى ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى يېزا-كەنتلەردىكى ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى قۇرۇلۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، ئارتۇقچىلىق ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر