باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىڭبو شەھىرى كۇچا ناھىيەسىگە مېيىپلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرلىرى تەربىيەلەپ بەردى

2014.09.03 13:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرىمانگۈل تۇراپ خەۋىرى: يېقىندا كۇچا ناھىيەلىك مېيىپلارنىڭ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ كەسپىي تېخنىكى جاڭ بىڭ ۋە ئۇنىڭ تۆت خىزمەتدىشى نىڭبو شەھەرلىك ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىدا ئۈچ ئاي ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، داۋالاش بويىچە تەربىيەلىنىشكە ماڭدى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۇچا ناھىيەسىدىكى 20 مىڭچە مېيىپقا ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ .ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بىز بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، تولۇق ھاسىلات بىلەن قايتىپ كېلىمىز».

  2011-يىلى نىڭبو شەھىرى 8 مىليون 420 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۇچا ناھىيەسىدە مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى .بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 3021 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 30 كارىۋات قويۇلغان. ئەمما ئەسلىھەلەر ۋە كەسپىي تېخنىكلار كەمچىل بولغانلىقتىن بۇ مەركەزنىڭ رولى ئىزچىل ياخشى جارى قىلدۇرۇلمىغان ئىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر